





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇتاشقان ھەدىس: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىنمۇ بەك نامازنى تولۇق ۋە يەڭگىل ئوقۇيدىغان بىر كىشىنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇمىدىم»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆز - ھەركەتلەردە ئاسان ۋە يەڭگىل بولۇشقا بۇيرىيتتى، ئىبادەتكە ئۆز ھەققىنى بېرىپ، مۇكەممەل ۋە تولۇق ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، نامازنى يەڭگىل ئوقۇش شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەرقانداق ئىمامنىڭ نامىزىدىن يەنىلا ھەممىدىن كاتتا ئىمام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ يەڭگىل ئىكەنلىكى، نامازغا ئەگەشكەنلەرگە ھەرگىز ئېغىر كەلمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ نامازدىن يەنە ناماز ئوقۇشقا ئىنتىلىپ تارقىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى ۋاجىپ ۋە مۇستەھەبلىرى بىلەن ھېچ كەمچىللىك سادىر بولمىغىدەك مۇكەممەل، تولۇق ئادا قىلاتتى، بۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەركىتىنىڭ تەسىرىدۇر
ئەبى قىلابە ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئەلجەرمى ئەلبەسرى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس بىزنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمىزگە كېلىپ: مەن سىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىمەن، لىكىن مەقسىدىم ناماز ئوقۇش ئەمەس. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن بولسام شۇنداق ناماز ئوقۇپ بېرىش، دېدى. ئەييۇب ئەبۇ قىلابىگە: ئۇ قانداق ناماز ئوقۇيتتى؟ دېسەم. ئەبۇ قىلابە: بىزنىڭ مۇشۇ ئاقساقىلىمىز «ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ» غا ئوخشاش، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇشتىن ئىلگىرى بىر ئاز ئولتۇرۋىتەتتى، دېدى. شەيخىدىن مەقسەت: ئەبۇ بۇرەيد ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە ئەلجۇرمى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ قەلابە مۇنداق دەيدۇ: ساھابە مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس مەسچىتكە كىرىپ بىزگە مۇنداق دېدى: مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئەمەلىي ئۈگۈتۈپ قوياش ئۈچۈن بىر ناماز ئوقۇپ بىرەي، سىلەر ئۇنى ئېسىڭلاردا ياخشى ساقلىۋالغايسىلەر. ئەبۇ قەلابىدىن رىۋايەت قىلغان كىشى: سىلەرگە مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنى قانداق كۆرسەتتى دېگەندە، ئۇ: بىزنىڭ بۇ ئاقساقىلىمىز ئەبۇ يەزىد ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە ئەلجۇرمىنىڭ نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇپ بەردى، ئۇ سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىككىنچى رەكەتكە تۇرۇشتىن بۇرۇن بىر ئاز ئولتۇرۇپ ئاندىن قوپاتتى
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دىگەن، مۇئاز ئىبنى جەبەل رەسۇلۇللاھ بىلەن خۇپتەن نامىزىنى بىللە ئوقۇپ مەھەللىسىگە قايتقاندا كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ يەنە قايتا ناماز ئوقۇپ بىرەتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئازغا: سەببىھىسمە، ۋەششەمسى، ۋەللەيلى سۈرىلىرىنى ئوقۇپ بەرسەڭچۇ! چۈنكى ئارقاڭدا ياشانغان، ئاجىز ئالدىراش كىشلەر بار، دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانمۇئاز ئىبنى جەبەلنىڭ جامائىتى بولغان بەنى سەلەمە جەمەتىنىڭ ئۆيلىرى مەدىنە سىرتىدا ئىدى، مۇئاز ساۋابلىق ئىشلارغا ناھايىتى ھېرىسمەن كىشى بولۇپ، ئۇ ئۈگۈنۈش مەقسىتىدە ۋە رەسۇلۇللاھنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكتىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بەك ھېرىسمەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن پەرز نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ نامازنىڭ ئۆزىنى قەمىگە ئىمام بولۇپ ئوقۇپ بىرەتتى. مۇئاز نەپلە ئوقۇغان، قەۋمى بولسا پەرز ئوقۇغان ئاساستا بولاتتى، بۇ ۋەقەلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلىپ توغرا سانىغان ئىدى. لېكىن ئۇ بىر قېتىملىق نامازدا قىرائەتنى ئۇزۇن ئوقۇدى، ئىسلام شەرىئىتى قولايلىق، كەڭرىچىلىك ۋە ئاسايىشلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان، چۈنكى جاپا-مۇشەققەت، ئېغىرچىلىق ئىنساننى نەپرەتلەندۈرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئازنىڭ نامازنى ئۇزۇن ئوقۇشىدىن خەۋەردار بولغاندا مۇئازنى نامازدا قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇپ ئورتاھال سۈرىلەردىن ئوقۇشنى مېسال ئېلىپ بەردى، سەببىھىسمە، ۋەششەمسى، ۋەللەيلى دەك سۈرىلەر، چۈنكى جامائەت ئىچىدە ياشانغان، ئاجىز، ئىھتىياج ئىگىلىرى بار، ئۇلارغا نامازدا ئۇزۇن تۇرۇش قىيىن كىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن نامازنى قىسقا ئوقۇش كېرەك، ئەمما يالغۇز ئوقۇغان كىشى قانچە ئۇزۇن ئوقۇسا ئۇ دۇرۇس. «قۇرئان سۈرىلىرى ئۇزۇن مۇپەسسەل، سۈرە ھۇجراتتىن سۈرە ئەممىگىچە، ئورتاھال مۇپەسسەل، سۈرە ئەممەدىن سۈرە ۋەززۇھاغىچە قىسقا مۇپەسسەل سۈرە ۋەززۇھادىن سۈرە ناسقىچە دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ»
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: نەجاشى ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزۈلدى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ، كەينىدىكى سەپلەرنى رۇسلىدى، تۆت تەكبىر بىلەن ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغاننەجاشى ھەبەشىستاننىڭ پادىشاھى بولۇپ ساھابىلەردىن بىر تۈركۈملىرى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىپ بارغاندا ئۇلارنى ياخشى كۈتىۋالغان، بۇ ۋاقىتتا مەدىنە ئەھلىدىن بىر كىشى مۇسۇلمان بولمىغان ئىدى، ئۇنىڭ ياخشى نىيىتى ۋە چوڭچىلىق قىلماي ھەقكە ئەگىشىشى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا ئېلىپ باردى، ئۇ رەسۇلۇللاھنى كۆرمەستىن ئۆز يۇرتىدىلا ۋاپات بولدى. مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق قىلغانلىقى، كاتتا ماقامى ۋە ئۇ يەردە ئۇنىڭغا بىر كىشىنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇمىغانلىقتەك ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى شۇ كۈنىنىڭ ئۆزىدە ساھابىلەرگە يەتكۈزدى ۋە ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، نەجاشىينىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، مۇسۇلمان بولغانلىقىنى كىشىلەرگە ئۇقتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارغا قىلغان ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى مەيدانغا يىغدى، ئۇلارنىڭ سەپلىرىنى رۇسلىغاندىن كېيىن تورت تەكبىر بىلەن ئۇنىڭ غىيابىي جنازا نامىزىنى ئوقۇدى، بۇ ناماز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا شاپائەت بولىشىنى ئۈمىت قىلدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى، ئارىسىدا ئولتۇراتتى. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھۇ ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە ئۆرە تۇرۇپ ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى، ئارىسىنى قىسقىغىنا ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىۋېتەتتى، دېگەن
بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانجۈمە كۈنى بولسا بىر يۇرۇتتىكى ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ يىغىلىدىغان ۋە توپلىنىدىغان بىر كۈن، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەلۇم بىر ھىكمەت بىلەن ئۇ كۈندىكى خۇتبىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئوقۇغان، ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنى ياخشىلىققا قىزىقتۇرىدىغان، يامانلىقتىن توسىدىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ خۇتبىنى مۇنبەردە ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيتتى، ئۆرە تۇرۇپ ۋەئز -نەسىھەت ۋە تەلىم-تەربىيە قىلغاندا، ئىسلامنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ۋە ھەيۋىتىنى نامايەن قىلغىلى بولاتتى. بىرىنچى خۇتبىنى ئوقۇپ بولغاندا ئۆزىنىمۇ چارچاتماي، جامائەتنىمۇ مالال قىلماستىن، ئارام ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز ئولتۇرۇپ، ئىككى خۇتبىنىڭ ئارسىنى بۆلىۋىتەتتى، ئاندىن تۇرۇپ ئىككىنچى خۇتبىنى سۆزلەيتتى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كېسىلىنى يوقلىغاندا ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، قىيىنچىلىقنى يوقاتقىن، شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، سېنىڭ شىپالىقىڭدىن باشقا شىپالىق يوق، كېسەلنى قويمايدىغان شىپالىقىڭنى (تىلەيمەن)» دېگەن دۇئانى قىلاتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاغرىپ قالغان ئاياللىرىنى يوقلىغاندا كېسەلنى ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ بۇ دۇئانى قىلاتتى: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى»، ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىنى تىلغا ئېلىپ يىلىناتتى، ئۇ ياراتقۇچى، ئىگە بولغۇچى، بارلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر. «قىيىنچىلىقنى يوقاتقىن»، قىيىنچىلىق بېمارغا چۈشكەن كېسەل. شىپا بېرىش: كېسەلنى ئۇنىڭدىن يوق قىلىش ۋە ساقايتىش. شىپالىق بەرگۈچى: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنىڭ بىرى، چۈنكى ئۇ كېسەللەرگە شىپالىق بېرىدۇ. «سېنىڭ شىپالىقىڭدىن باشقا شىپالىق يوق»، يەنى: ھەقىقى شىپالىق ئاللاھ تائالانىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا شىپالىق يوق، مەخلۇقنىڭ قىلغىنى پەقەت سەۋەپ، شىپالىق بەرگۈچى بولسا ئاللاھ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن كېسەل قويمايدىغان تولۇق شىپالىق بولىشىنى تىلىگەن
سەئەب ئىبنى جەسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر قۇلان (ياۋا ئېشەك) ھەدىيە قىلسام، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى، ئۇ يۈزۈمدىكى ئۆزگۈرۈش ئالامىتىنى كۆرۈپ: «بىز ئېھرامدا بولغاچ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەردۇق» دەپ چۈشەندۈردى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىن، ئۇ زات ئاللاھنىڭ دىنى توغرىسىدا كىشىلەرگە ياغلىمىچىلىق قىلمايتتى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويمايتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەئەب ئىبنى جەسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېھراملىق ھالەتتە ئىدى، سەئەب ئىبنى جەسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ داڭلىق مەرگەن بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېنىدىن ئۆتكەن ۋاقتىدا، ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ياۋا ئېشەكتىن بىرنى ئوۋلاپ كىلىپ ھەدىيە قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلماي قايتۇرىۋەتكەندە بۇ ئىش ئۇ كىشىگە ئېغىر كىلىپ چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگۈرۈش ئالامەتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن: ئۆزىنىڭ ئېھرامدا ئىكەنلىكى، ئېھرامدىكى كىشى ئۈچۈن ئوۋلانغان نەرسىنى يېيىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا مۈگۈدەپ قالسا، بېرىپ ئۇيقۇسى تۈگۈگىچە ئۇخلىسۇن، ئەگەر سىلەرنىڭ بېرىڭلار مۈگۈدەپ قالغان ھالىتىدە ناماز ئوقۇسا، ئۇ مەغپىرەت تىلەيمەن دەپ ئۆزىگە بەددۇئا قىلىپ قېلىشى مۇمكىن»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ تېمىسى: ئۆزىنى ئىبادەتكە مەجبۇرلاشنىڭ ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا بولۇپ، ناماز ئوقۇغۇچى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتىدە قاتتىق مۈگىدەپ قالسا، نامىزىنى بۇزۇپ ياكى تولۇقلاپ ئوقۇپ بولۇپ، ئۇيقۇسى تۈگىگىچە ئۇخلاپ ھەتتا چارچاش بىلەن ئۆزىنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلمايدىغان ھالەتكە كەلگەندە ناماز ئوقۇسۇن
ئەبۇ ھۇمەيىد ئەسسائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەزد قەبىلىسىدىن ئىبنى لۇتبىيە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يىغىشقا بەلگىلىدى، ئۇ قايتىپ كىلىپ: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىندى،- دېگەندە، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇنبەر ئۈستىگە چىقىپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەقسەتكە كەلسەك، ئاللاھ تائالا مېنى ئىگە قىلغان ئىشلارنىڭ بىرىگە سىلەردىن بىر كىشىنى تەيىنلىسەم، ئۇ كىلىپ: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا قىلىنغان ھەدىيە،- دەيدۇ، ئۇ راستچىل بولسا، دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغان بولسا بۇ ھەدىيەلەر ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىنارمىدى؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ ھەققى بولمىغان نەرسىنى ئالسا، قىيامەت كۈنى ئۇنى كۆتۈرگەن ھالدا ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىدۇ، مەن سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا بىلەن بوقىراپ تۇرغان تۆگىنى ياكى مۆرەپ تۇرغان كالىنى ياكى مەرەپ تۇرغان قوينى كۆتۈرگەن ھالدا ئۇچرىشىشىنى كۆرمىگەيمەن،- دېگەندىن كىيىن قولتۇقىنىڭ ئېقى كۆرۈنگىدەك دەرىجىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: ئى ئاللاھ، يەتكۈزدۈممۇ؟ دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەزد قەبىلىسىدىن ئىبنى لۇتبىيە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يىغىشقا بەلگىلىدى، ئۇ خىزمىتىدىن قايتقاندىن كىيىن مەدىنىگە كەلگەندە يېنىدىكى بىر قىسىم نەرسىلەرنى كۆرسۈتۈپ: ئى مۇسۇلمانلار جامائىتى، بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىندى،- دېگەندە، رەسۇلۇللاھ كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى بۇ قىلمىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇنبەر ئۈستىگە چىقىپ، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەقسەتكە كەلسەك، ئاللاھ تائالا مېنى مەسئۇل قىلغان زاكات ۋە غەنىمەتلەر خىزمىتىگە سىلەرنىڭ بىرىڭلارنى تەيىنلىسەم، ئۇ خىزمىتىدىن قايتىپ كەلگەندە: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نەرسىلەر،- دەيدۇ، ئەگەردە ئۇ كىشى سۆزىدە راستچىل بولسا، دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغان بولسا بۇ ھەدىيەلەر ئۇنىڭغا كىلەرمىدى؟ ئې خادىملار! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار خىزمەت جەريانىدا ئۆزىگە بېرىلىدىغان ناھەق بىرەر نەرسىنى ئالسا، قىيامەت كۈنى ئۇنى ئەگەر تۆگە ياكى كالا، ياكى قوي بولغان تەقدىردىمۇ، يەلكىنىگە ئارتقان ھالدا ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىدۇ،- دېدى، ئاندىن ئىككى قولىنى ساھابىلار قولتۇقىنىڭ ئېقىنى كۆرگىچە ئىگىز كۆتۈرۈپ: ئى ئاللاھ تائالا يەتكۈزدۈممۇ؟ دېدى