Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way






























Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ سەپەرلىرىدە ھەمرا بولدى، شۇنىڭدەك ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ سەپەرلىرىدىمۇ بىللە بولدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكەتكە قىسقارتىپ ئوقۇيتتى، ئۇنىڭدىن ئاشۇرمايتتى. يەنى: ئۇلاردىن ھېچكىم پەرز نامازلارنى تولۇقلاپ ئوقۇمايتتى. دائىم ئوقۇيدىغان سۈننەتلەرنىمۇ ئوقۇمايتتى. ئۇنىڭ ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنى تىلغا ئېلىشى، بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەمەلدىن قالمىغانلىقى، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، شۇنداقلا بۇ دەلىلدىن كۈچلۈكرەك دەلىلنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. سەپەردە نامازنى تولۇقلاپ ئوقۇش دۇرۇستۇر، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ: سىلەر نامازنى قەسىر قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. [سۈرە نىسا 100- ئايەتنىڭ بىر قىسمى] دېگەن ئايىتىگە ئاساسەن، قىسقارتىپ ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. بۇ ئايەتتىكى گۇناھنى يوققا چىقىرىش بولسا، ئۇنى قىسقارتىشنىڭ رۇخسەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنى تولۇقلاش تەلەپ قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئەسلى تەلەپ قىلىنغىنى: ئۇنى تولۇقلاپ ئوقۇشتۇر، قىسقارتىپ ئوقۇش بولسا پەقەتلا ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق بىر ئىش ئۈچۈن بولىدۇ. مۇساپىر ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە بۇنى ۋاجىپ دېگەنلەرنىڭ ئىختىلاپىدىن چىقىش ئۈچۈن، سەپەردە نامازنى(قەسىر) قىسقارتىپ ئوقۇشنى تاشلىماسلىقتۇر. يەنە كىلپ بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ئەۋزەلدۇر
مۇسۇلمانلاردىن ئۆلۈپ كەتكەن ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەر ياكى ئايال بولسۇن، كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن، ئۇنىڭ نامىزىنىڭ چۈشۈرۈلىشى ۋاجىپ بولغان ئۇنىڭ ھەققىدۇر. سۇمرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا، نىپاسدارلىق ھالىتىدە ۋاپات بولغان بىر ئايالنىڭ نامىزىنى ئوقۇيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ مېيىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇردى دەپ بايان قىلىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيىتتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئۇخلايتتىم، ئۆيلىرىمىز تار بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامدا تۇرغان ۋاقىتتا ئىككى پۇتۇمنى قىبلە تەرىپىدە، سەجدە قىلىدىغان جايىغا سۇنۇپ ياتاتتىم، سەجدە قىلىدىغان ۋاقىتتا پۇتۇمنى نۇقۇپ قوياتتى، مەن پۇتۇمنى يىغىۋالاتتىم. ئەگەر ئۇنى سەجدە قىلىدىغان ۋاقىتتا كۆرگەن بولسام، ئەلۋەتتە پۇتۇمنى نۇقۇشتىن ئىلگىرى يېغىۋالغان بولاتتىم، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ، نوقۇغۇزماي پۇتنى يېغىۋىلىش ئۈچۈن ئۆيلىرىمىزدە چېراقلار يوق ئىدى
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئۆزىگىلا ئىلتىجا قىلىش ۋە ئۇنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا قۇرغاقچىلىق يۈز بەردى، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى ھېيىت نامىزى ئوقۇيدىغان مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ ئاللاھ تائالادىن يامغۇر تەلەپ قىلدى، ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىھتىياجنى ۋە يىلىنىشىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان تەرەپ قىبلىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلدى، ئاللاھ تائالادىن بۇ قۇرغاقچىلىقنى كۆتۈرۋىتىشنى ۋە مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى، ئۆزگۈرۈشكە ئۈمىدۋار بولۇپ، بۇ قېيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كەڭچىلىككە ۋە مولچىلىققا ئۆزگەرتىپ بېرىشىگە ئۈمىدۋار بولۇپ رىداسىنى تەتۈر كەيدى، ئاندىن ئىككى رەكەت سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى ئوقۇدى. ئۇ جامائەت نامىزى بولغانلىقتىن قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇدى
بۇھەدىستە نامازنىڭ سىموۋۇللۇق شۇئارى بايان قىلىنغان، ئۇ بولسىمۇ نامازدا تەكبىر ئىيتىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ئۇلۇغلۇق ۋە كاتتىلىقنى ئىسپالاتلاشتىن ئىبارەت، مۇتەررىپ ئۆزىنىڭ ئىمران ئىبنى ھۈسەين بىلەن بىرگە ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سەجدىگە بارغاندا، سەجدىدىن تۇرغاندا، تۆت رەكەتلىك نامازنىڭ ئىككىنچى رەكئەتتىن قىيامغا تۇرغاندا تەكبىر ئىيىتقانلىقىنى، كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ مۇشۇ ئورۇنلاردا ئاشكارا تەكبىر ئېيتىشنى تەرك قىلغانلىقىنى، نامازدىن بىكار بولغاندا، ئىمران ئىبنى ھۈسەيننىڭ مۇتەررىپنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇشۇ ئورۇنلاردا تەكبىر ئېيتىپ ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغان نامىزىنى ئەسلەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندا ئىشلەتكەن كېپەنلىكنىڭ سانى ۋە رەڭگى توغۇرلۇق خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى، رەسۇلۇللاھنى يەمەندە توقۇلغان ئاق ئۈچ پارچە رەخت بىلەن كېپەنلەندى، كېپەن ئىچىدە كۆڭلەك ياكى بىشىدا سەللە يوق ئىدى. ھايات كىشىنىڭ كىيمىدىن مېيىتنىڭ كېپىنىنى تولۇق قىلىش كېرەك، چۈنكى مېيتنىڭ ئەيبىنى يۆگەش ھايات كىشىنىڭ ئەيبىنى يۆگىگەندىن ئەۋزەلدۇر ۋە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئادىتىدە، ئۇ بامدات نامىزىدا قىرائەتنى ئۇزۇن قىلاتتى ۋە شام نامىزىدا قىسقا قىلاتتى. بەش نامازنىڭ ئىچىدە ئۇندىن باشقىلىرىدا ئوتتۇرىھال قىلاتتى. لېكىن خۇددى بۇ ھەدىستە كەلگەندەك، ئۇ بەزى چاغدا، باشقىچە ئوقۇشنىڭ رۇخسەتلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ياكى باشقا بىر مەقسەتتە ئۇ ئادىتىنى تاشلايتتى. بۇ ھەدىستە شام نامىزىدا تۇر سۈرىسىنى ئوقۇدى، بۇ سۈرە قىسقا سۈرىلەرنىڭ ئۇزۇنلىرىدىندۇر
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە راشىد خەلىپىلەر كىشىلەرگە روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت نامازلىرىنى ئوقۇپ بېرەتتى، خۇتبىمۇ ئوقۇپ بىرەتتى، خۇتبىنى نامازدىن كېيىن ئوقۇيتتى، بۇ ئادەت شۇنداق داۋام قىلغان ھەتتا مەرۋان ئىبنى ئابدۇل مەلىكنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئۇ نامازدىن ئىلگىرى خۇتبە ئوقۇغان
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن شەرىئەت باشقا پەيغەمبەرلەرگە چۈشكەن شەرىئەتلەردىن قولايلىقتا، ئەپۇچانلىقتا ۋە ھەرقانداق قېيىنچىلىقنى كۆتۈرۋېتىش ياكى يېنىكلىشتە ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ، شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: كۈندۈز تەرەپلەردە ياكى كېچە تەرەپلەردە كەلگەن ئىككى نامازنى بىر ۋاقىتتا جەملەپ ئوقۇشنىڭ دۇرۇسلىقى. شەرىئەت قائىدىسىدە ھەر نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش بېكىتىلگەن، بىراق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەر ئۈستىدە ئالدىراش بولغاندا، پىشىن بىلەن ئەسىرنى ياكى پىشىن ۋاقتىدا ياكى ئەسىر ۋاقتىدا جۇغلاپ ئوقۇيتتى، يەنە شام بىلەن خۇپتەننىمۇ ياكى شام ۋاقتىدا ئىككى نامازنى جۇغلايتتى، ياكى خۇپتەن ۋاقتىدا جۇغلايتتى، نامازنى جۇغلاشنىڭ دۇرۇسلىقى پەقەت سەپەرگە باغلىنىشلىق، سەپەردە ئىككى ناماز ۋاقتىنىڭ قايسى بىرى يەنە بىرى ئۈچۈن نامازنىڭ ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. سەپەردە يول يۈرۈش، ئارام ئېلىش ئىشلىرى جاپالىق بولغاچقا شەرىئەت بۇنى كۆزدە تۇتۇپ نامازنى جەملەپ ئوقۇشنى يولغا قويغان