





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، بىرسى ئۇنىڭدىن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتىن مۇزدەلىپىگە قايتقاندا قانداق ماڭاتتى؟ دەپ سورىدى، ئۇسامە: «ئالدىرىماي ماڭاتتى، كىشىلەر ئاز جايلاردا تىز ماڭاتتى» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتىن مۇزدەلىپىگە قايىتقاندا ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ بىرگە قايىتقان ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ماڭغانلىقىنى ياخشىراق بىلەتتى، ئۇنىڭدىن بۇ توغرۇلۇق سورالغاندا ئۇ: «ئادەم كۆپ جايلاردا كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئالدىرىماي ماڭاتتى، ئادەم يوق جايلاردا ئىتتىك ماڭسىمۇ ئەزىيەت بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن سەل تىز ماڭاتتى» دېدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئەلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك روزا داۋۇت ئەلەھىسسالامنىڭ روزىسى، نامازلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈكى داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى. كېچىنىڭ يېرىمىدا ئۇخلايتى، ئومۇمى كېچىنىڭ 3/1 دە ناماز ئوقۇيتى قالغان قىسمىدا يەنە ئۇخلايتى. بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر كۈن تۇتمايتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىسۇلۇللاھتىن بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك روزا ۋە ناماز داۋۇت ئەلەھىسسالامنىڭ روزىسى ۋە نامازىدۇر. چۈنكى ئۇ بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر كۈن تۇتمايتى، بۇنداق قىلغاندا ئىبادەتمۇ قولغا كىلىدۇ، بەدەننىڭ ھەققىنىمۇ بەرگەن بولىدۇ. كېچىنىڭ يېرىمىدا ئۇخلايتى، ئومۇمى كېچىنىڭ 3/1 دە ناماز ئوقۇيتى قالغان ئاخىرىقى قىسمىدا يەنە ئۇخلايتى، بۇ شەكىلدە ئىبادەت قىلسا، كۈندۈزدىكى ئىبادەتلەرگىمۇ تېتىك-جۇشقۇن تۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىنى قىزىقتۇرغان
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش تۈرلۈك ھايۋان بار بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناچاردۇر، ئۇلار ھەرەم دائىرسىدىمۇ ئۆلتۈرىلىدۇ: قاغا، سار، چايان، چاشقان ۋە غالجىر ئىتتىن ئىبارەت» يەنە بىر رىۋايەتتە:«بەش تۈرلۈك ناچار ھايۋان بولۇپ ئۇلار ھەرەمدىمۇ ئۆلتۈرلىدۇ»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: قاغا، سار، چايان، چاشقان ۋە غالجىر ئىت قاتارلىق بەش تۈرلۈك ناچار خاراكتىرلىق جانلىقلارنى ھەرەمدە بۇلسۇن ياكى باشقا جايدا بولسۇن ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. چۈنكى بۇ بەش تۈرلۈك ھايۋان باشقا جانلىقلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ۋە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدىن چىقىپ كەتكەن، بۇ جانلىقلارنىڭ يەتكۈزىدىغان ئەزىيەتلىرى تۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساناپ تۇرۇپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن، بۇ ھايۋانلارغا ناچارلىق سۈپىتىدە ئوخشايدىغان باشقا ھايۋاناتلارمۇ ھۆكۈمدە ئۇلارغا قېتىلىدۇ، ئۇنى ھەرەم ساقلاپ قالالمايدۇ، ئىھرام توسۇپ قويالمايدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى: ئى رەسۇلۇللاھ ئىھرام باغلىغۇچى كېيىملەردىن نېمىنى كېيسە بولىدۇ، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: كۆينەك، سەللە، ئىشتان، پەرنچە، ئۆتۈك، كەيمەيدۇ، پەقەت ئايىقى يوق كىشىلا ئۆتۈكنىڭ قونجىنى ئوشۇقتىن تۆۋەنرەك كېسىۋېتىپ كېيسۇن، خۇش-پۇراق ئىشلەتكەن كېيىملەرنى كېيمىسۇن، دېدى. بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئايال كىشى نىقاب ئارتمىسۇن، پەلەي كېيمىسۇن، دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانساھابىلار ئىھرامنىڭ نۇرمال ۋاقىتلاردىكى كېيىملەردىن پەرىقلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇ سەۋەبتىن بىر ئەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىھرام باغلۇغۇچى كېيسە دۇرۇس بولىدىغان كېيىملەر ھەققىدە سوئال سورىدى. كېيىش چەكلەنگەن كېيىملەر ھەققىدە سوراش مۇھىم بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا بۇ ھەقتە، ئىھرام باغلىغۇچىغا چەكلىنىدىغان كېيىملەرنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنى كېيىش دۇرۇس دەپ جاۋاب بەردى. بۇ جاۋاب ئارقىلىق ئۇلارنىڭ زىھنىدە كۆپ ھۆكۈملەر ئېنىق بولدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئىھرام باغلىغاندا ئەر كىشىنىڭ كېيىشى چەكلىنىدىغان كېيىملەرنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ساناپ بەردى. كۆينەك، بەدىنىگە لايىق كېسىپ تىكىلگەن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى كېيىش دۇرۇس ئەمەس. سەللە، پەرەنچە ۋە بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان ھەر قانداق كېيىم، ئىشتان، تامبال، بەدەننىڭ قانداق بىر پارچىسىنى يېپىپ تۇرىدىغان كېيىم، تىكىلگەن بولسۇن ياكى يوگەلگەن بولسۇن، پەلەيدەك نەرسىلەر بۇنىڭغا كىرىدۇ. ئۆتۈك كېيىش دۇرۇس ئەمەس، مەيلى ئۇ تىرەدىن تىكىلگەن بولسۇن ياكى يۇڭدىن، پاختىدىن ۋە ياكى باشقا نەرسىلەردىن بولسۇن ئوشۇقنى يېپىپلا تۇرىدىكەن ئۆتۈك بولىدۇ. ئىھرام باغلىغاندا ئاياق تاپالماي پەقەت ئۆتۈكىلا بولسا ئۇنىڭ قونجىنى ئوشۇقنىڭ ئۈستىدىن كېسىۋېتىپ ئاياق شەكلىدە قىلىپ كېيسۇن، دېگەن. ئاندىن رەسۇلۇللاھتىن سورالمىغان سوئالغىمۇ شۇ ۋاقىتنىڭ تەقەززاسى بىلەن بەزى ئىشلارنىمۇ بايان قىلىپ بەردى. ئىھرام باغلىغۇچى مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، كېيىم تىكىلگەن بولسۇن ياكى رەخ بولسۇن ئۇ زەئپىران ۋە ۋەرىستەك نەرسىلەر يەنى ھەرقانداق خۇش-پۇراق ئىشلىتىلمىگەن بولىشى كېرەك. ئاندىن ھەجدە ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى نىقاب بىلەن ئىتىشى ۋە پەلەي كېيىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى نىقاب ئارتمايدۇ، پەلەي كېيمەيدۇ
مەئىن ئىبنى يەزىد ئىبنى ئەخنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: دادام يەزىد سەدىقە قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتىكى بىركىشىگە دىينارلارنى قويۇپ قويۇپتۇ، مەن مەسچىتكە كېلىپ ئۇ پۇلنى ئىلىپ، ئاندىن دادامنىڭ قېشىغا كەلدىم، دادام: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۇ دىينارلارنى ساڭا بېرىشنى نىيەت قىلمىغان ئىدىم دېدى. بىز تالاش-تارتىش قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى يەزىد! سېنىڭ نىيەت قىلغىنىڭنىڭ ئەجرى ساڭا تېگىشلىك بولدى، ئى مەئىن سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى، دەپ ئايرىپ قويغان
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانيەزىد ئىبنى ئەخنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىش ئۈچۈن بەزى دىينارلارنى مەسچىتتە بىر كىشىگە قويۇپ قويىدۇ، ئوغلى مەئىن كېلىپ ئۇ دىينارلارنى ئىلىپ كەلگەندە، دادىسى: بۇ دىينارلارنى ساڭا سەدىقە قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن دادا-بالا ئىككەيلەن تارتىشىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى يەزىد! سېنىڭ نىيەت قىلغىنىڭنىڭ ئەجرى ساڭا تېگىشلىك بولدى، چۈنكى سەن سەدىقىنى مۇسۇلمانلارنىڭ كەمبەغەللىرىدىن بىرىگە يەتكۈزدۇڭ، سېنىڭ نىيىتىڭگە ئاساسەن بۇنىڭ ئەجرى ساڭا تىگىشلىك بولدى. ئى مەئىن سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى، چۈنكى سەنمۇ بۇنى توغرا يول بىلەن ئالدىڭ، دئاللاھ تائالا بىر بەندىگە ياخشىلىقىنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنى ئۆزى، مال-مۈلكى ۋە بالا-چاقىلىرى ئارقىلىق سىنايدۇ، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقىنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ۋە مەرتىۋىسىنىڭ ئۈستۈن بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئىمتىھان-سىناقنىڭ ئاقىۋىتىنى تەپەككۇر قىلغان كىشى ئۇنى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقى دەپ بىلىدۇ، چۈنكى دۇنيادىكى ياخشىلىق بولسا دۇئا، يېلىنىش ۋە ھاجەتنى ئىزھار قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قېلىنىدۇ، ئاخىرەتتىكى ياخشىلىق بولسا خاتالىقنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ۋە مەرتىۋىنىڭ ئۈستۈن بولىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنْفُسِ وَالثَّمَرَاتِ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ»تەرجىمىسى: «بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ، بىرئاز قەھەتچىلىك، ماللىرىڭلار، جانلىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن.» [سۈرە بەقەرە 155-ئايەت]. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس مۇتلەق بولۇپ، تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان بۇ ھەدىستىن مەقسەت قىلىنغان مەنانى ئىپادىلەيدۇ: ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇ كىشىنى سىنايدۇ، ئۇ كىشى سەۋىر قىلسا، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلسا (يەنى سىناقتىن ئۆتسە) ئاللاھ ئۇ كىشىگە ساۋاپ بېرىدۇ، ئەگەر سەۋىر قىلالمىسا گەرچە بەزى ۋاقىتتا كۆپ قېيىنچىلىققا ئۇچرىسىمۇ ئۇنىڭدا ياخشىلىق بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇ كىشىگە ياخشىلىقىنى ئىرادە قىلمىغان. كاپىرلارمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار ئۆلۈپ كەتكىچە ئۆزىنىڭ كۇپۇرلۇق ھالىتىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلمىغانلىقىدا ھېچ شەك يوق ئېدى، يەزىدنىڭ ئوغلى مەئىنمۇ مۇشۇ سەدىقىنى ئېلىشقا ھەقلىق بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئېدى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە مۇغىرە ئىبنى شۆئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى ناماز ئوقۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كېتەتتى، مەن: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ سېلىنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىلا؟» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا شۈكرى قىلغۇچى بەندە بولمايمەنمۇ؟» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى تەھەججۈت نامىزى ئوقۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كەتكەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى گۇناھىدىن قورقۇپ، ئاللاھدىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ ئىبادەت قىلىۋاتىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق خاتالىقلىرى ئەپۇ قىلىنغان تۇرسا، بۇنداق قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا: «ئاللاھ سېلىنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتكەن تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىبادەت قىلىلا؟ دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھغا شۈكرى قىلغۇچى بەندە بولمايمەنمۇ؟ دەيدۇ. بۇ ئىبادەتنىڭ سەۋەبى ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلغانلىقىغا شۈكرى ئېيتىشتۇر
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ئۇرۇش تاكتىكىدۇر»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە كاپىرلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا تاكتىكا ۋە چارە-تەدبىر ئىشلىتىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىسلام ۋە ئىسلام ئەھلىنىڭ مەنپەئەتىنى روياپقا چىقىرىدۇ
سەئىد ئىبنى ئەلھارىس جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئوتتا پۇشۇرغان تاماقنى يىسە تاھارەت ئالامدۇ؟ دەپ سورىغاندا جابىر: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئۇنداق تاماقلارنى نادىر ئەھۋاللاردا يەيتتۇق، ئۇنداق يىمەكلەرنى يېگىنىمىزدە، قولىمىزنى ئېيتىدىغان لۈڭگە، قولياغلىقلار يوق بولۇپ، پەقەت ئالقان، بىلەك ۋە پۇتلىرىمىزلا بار ئىدى، تاماقتىن كېيىن تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتۇق، دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانسەئىد ئىبنى ئەلھارىس جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قاقلاش ياكى قاينىتىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئارقىلىق ئوتتا پۇشۇرۇلغان تاماقنى يىسە تاھارەت ئېلىش ۋاجىب بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ياق تاھارەت ئېلىش ۋاجىب بولمايدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇنىڭ دەلىلىنى بايان قىلىپ: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئۇنداق تاماقلارنى نادىر ئەھۋاللاردا يەيتتۇق، ئۇنداق تاماقلارنى يېگىنىمىزدە، قولىمىزغا يۇققان مايلارنى ئېيتىدىغان لۈڭگە، قولياغلىقلار يوق ئىدى، بىز تاماقنىڭ مايلىرىنى يالىۋەتكەندىن كېيىن ئالقان، بىلەك ۋە پۇتلىرىمىزنى مايلىۋالاتتۇق، ئاندىن كېيىن تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتۇق، دېدى
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى جۈمە كۈنىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا كېلىپ ئولتۇردى، رەسۇلۇللاھ: ئى پالانى ناماز ئوقۇدۇڭمۇ دېگەندە، ئۇ كىشى: ياق، دېدى. رەسۇلۇللاھ: تۇرۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقىغىن دېدى. يەنە بىر ئىبارىدە ئىككى رەكەت ناماز ئوقىغىن دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانسۇلەيك ئەلغەتافانى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتىدە خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا كىرىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇماستىن خۇتبە ئاڭلاش ئۈچۈن ئولتۇردى، ئۇ كىشى ياكى نامازنىڭ ھۆكمىنى بىلمىگەن ياكى خۇتبە ئاڭلاش ناماز ئوقۇشتىن ئەۋزەل دەپ قارىۋالغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەر ئۈستىدە بولسىمۇ، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆگۈتىشتىن توختىماي ئۇنىڭغا: مېنىڭ يېنىمغا كېلىشتىن ئىلگىرى مەسچىتنىڭ بىرە يېرىدە ناماز ئوقۇغانمىدىڭ؟ دېگەندە ئۇ: ياق دېدى. رەسۇلۇللاھ: تۇرۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغىن، دېدى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا جامائەت ئالدىدا قىسقىغىنا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغىن، دېگەن. تەخىرسىز بۇ ۋاقىتتا دېيىشى ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا تەلىم بىرىش ئۈچۈندۇر. قانداقلا بىر كىشى ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا مەسچىتكە كىرسە، ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. يەنە شۇنداقلا ھاجەت چۈشكەندە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بايان قىلىشنى كېچىكتۈرمەسلىك ۋاجىب بولىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىگە ئوخشاش يەنە بىر ھەدىستە «ئەگەردە سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا مەسچىتكە كىرگەن بولسا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسۇن» ئىمام نەۋەۋى مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە بۇ ھەدىس توغۇرلۇق مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس «ئەگەردە سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا مەسچىتكە كىرگەن بولسا قىسقىغىنا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسۇن» مۇشۇ ھەقتىكى ئوچۇق دەلىلنى قايسىبىر ئىبارىلەر بىلەن شەرھىلەش ۋە مەنالىرىنى باشقا تەرەپكە قارىتىش توغرا ئەمەس، يەنە بۇ ھەدىسنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىدىغان ئالىم يوق دەپ قارايمەن