





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر سەپەرگە چىقتۇق، ئىچىمىزدىن روزا تۇتقۇچىلارمۇ بولدى، تۇتمىغۇچىلارمۇ بولدى، قاتتىق ئىسسىق بولغان بىر كۈن ئىدى، بىر ئورۇنغا دەم ئېلىش ئۈچۈن چۈشتۇق، ئارىمىزدىن بەزىلەر قوللىرى بىلەن ۋە بەزىلىرى كىيىملىرى بىلەن ئاپتاپنى توساتتى، روزا تۇتقۇچىلار ئۇسسۇزلۇق ۋە ئىسسىقتىن ئۆزلىرىنى تاشلىۋەتتى، ئۇلار ھالىدىن كەتتى، روزا تۇتمىغانلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، چىدىرلارنى تىكىپ بەردى، ۋە تۆگىلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى. رەسۇلۇللاھ: بۈگۈن روزا تۇتمىغۇچىلارمۇ ساۋاپ-ئەجرىگە ئېرىشتى، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانساھابىلەر رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن سەپەرگە چىققان ئىدى. بەزىلەر روزا تۇتقان، يەنە بەزىلەر روزا تۇتمىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ھەر ئىككىلىسىنىڭ قىلغانلىرىنى توغرا سانىدى. ئۇلار ئىسسىق تومۇزنىڭ كۈن تىكلەشكەن ۋاقىتلىرىدىن بىرىدە دەم ئېلىش ئۈچۈن كارۋاننى توختاتتى. روزا تۇتقۇچىلار ئۇسسۇزلۇق ۋە ئىسسىقتىن ئۆزلىرىنى تاشلىۋەتتى، ئۇلار ھالىدىن كەتتى، روزا تۇتمىغانلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، چىدىرلارنى تىكىپ بەردى، ۋە تۆگىلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ قوشۇنغا ۋە قېرىنداشلىرىغا قىلغان بۇ ئىش-ھەركەتلىرىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ: بۈگۈن روزا تۇتمىغۇچىلارمۇ ساۋاپ-ئەجرىگە ئېرىشتى، دېدى
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئىبنى ئاسىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: ھۇنەين غازىتى كۈنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا رەسۇللاھقا ئولجىلارنى ئاتا قىلىۋېدى، پەيغەمبىرىمىز ئۇنى كىشىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش جەريانىدا ئۇنىڭدىن ئىسلامغا مايىل قىلماقچى بولغان كىشىلەرگىمۇ تەقسىم قىلىپ بەردى ۋە ئەنسارىلارغا ھېچنېمە بەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەلدى، چۈنكى باشقىلارغا تەككەن نەرسە ئۇلارغا تەگمىگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خىتاب قىلىپ: ئى ئەنسارىلار جامائىتى، مەن سىلەرنى ئازغۇن ھالدا تېپىپ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرگە مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ھىدايەت بەرمىدىمۇ؟ سىلەر چېچىلاڭغۇ ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئىتتىپاق قىلمىدىمۇ؟، مەن سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا مۇھتاج ھالدا ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنى بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟ دىۋېدى، ئۇلار: ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئاتاسى ھەممىدىن ئارتۇقتۇر، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولۇشتىن نېمە چەكلەپ قويۇۋاتىدۇ؟ دېۋېدى، ئۇلار: ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئاتاسى ھەممىدىن ئارتۇقتۇر، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر خالىساڭلار ئەلۋەتتە سىلى بىزگە ئۇنداق – مۇنداق ھالەتتە كەلگەن ئىدىلە، دېيەلەيسىلەر، باشقا كىشىلەر قوي-كالىلار بىلەن كەتسە، سىلەر كارۋىنىڭلارغا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىلەن كېتىشكە رازى بولمامسىلەر؟ ئەگەر ھىجرەت بولمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە مەن ئەنسارىلاردىن بىرسى بولغان بولاتتىم، بارلىق كىشىلەر بىر ۋادى ياكى بىر جىلغىغا ماڭسا، مەن ئەنسارىلارنىڭ ۋادىسى ۋە جىلغىسىغا ماڭاتتىم. ئەنسارىلار ئېچ كېيىم، باشقىلار تاش كېيىمدۇر. سىلەر مەندىن كىيىن ئۇنىڭ پەزىلىتىنى كۆرۈسىلەر، ھەۋزى كەۋسەرنىڭ يېنىدا مەن بىلەن ئۈچراشقۇچە سەبىر قىلىڭلار
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھۇنەين غازىتى كۈنى نۇرغۇنلىغان غەنىمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئىدى، پەيغەمبىرىمىز تائىپ قورشاۋىنى تاشلاپ غەنىمەتلەرنىڭ يېنىغا قايتتى، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى مال-چارۋىلاردىن ئېدى (يەنى 40 مىڭدىن ئارتۇق تۆگە، 120 مىڭ ئەتراپىدا قوي ئېدى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامغا يىڭى كىرگەن قەبىلىلەرگە ئۇلارنى ئىسلامغا تېخىمۇ مايىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا مال-چارۋىلارنى بەردى، بۇ ئەھۋالغا ئەنسارلارنىڭ بەزىسى رازى بولمىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دېيىشكەن گەپلىرى، يەنى: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىزنى قويۇپ، غەنىمەتلەرنى (بىز بىلەن ئۇرۇشۇپ) تېخى قېلىچلىرىمىزدىن ئۇلارنىڭ قانلىرى تامچىپ تۇرغان قەۋملەرگە بېرىۋاتىدۇ، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ گەپلەر يەتكەندە، ئۇلارنى بىر بايراق ئاستىغا توپلىنىشقا بۇيرىۋىدى، ئۇلار توپلاندى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ماڭا سىلەرنىڭ مۇنداق-مۇنداق دېگىنىڭلار يەتتى دەپ، ئۇلارنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئېيتىپ بەردى ۋە ئۇلارغا بىرئاز كايىدى، ئۇلارنىڭ ئىسلامنى كۈچلەندۈرۈش يولىدا قىلغان خىزمەتلىرىنى ۋە شۇنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى ئېچىلدى، بۇ گەپ بىلەن ئۇلار، پەيغەمبىرىمىز بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆز كارۋانلىرىغا قايتىش، ئۇنىڭدىن سىرت ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرى بەدىلىگە ئۇ دۇنيادا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قويغان نېمەتلىرىنى بىلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى سەبرىلىك بولۇشقا بۇيرۇپ ئۇ ئارقىلىق ياخشى نەتىجىلەرگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. تەيسىيرۇل ئەللام 306- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 403- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم197- بەت
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا تۇراتتى، بىر يىلى ئېتىكاپتا تۇردى، ھەتتاكى رامزاننىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى بولغاندا، (ئەسلى ئاشۇ كۈنى سەھەردە ئېتىكاپتىن چىقىدىغان كۈن ئىدى) دېدى: كىمكى مەن بىلەن ئېتىكاپ قىلىدىكەن، رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە قىلسۇن، ماڭا چۈشۈمدە قەدىر كېچىسى كۆرسىتىلگەن، ئاندىن ئۇنتۇلدۇرۇلدۇم، مەن شۇ كۈنى سەھەردە چۈشۈمدە بىر سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلغىنىمنى كۆرگەنىدىم، سىلەر ئۇنى رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدىن ئىزدەڭلار ۋە ھەر تاق كۈنلەردە ئىزدەڭلار، شۇ كۈنى كېچىدە يامغۇر ياغدى، ئۇ زاماندا مەسچىتنىڭ ئۈستى خورما شېخىدا يېپىقلىق ئېدى، يامغۇر تامچىپ ئۆتۈپ كەتتى، يىگىرمە بىرىنچى كۈنى سەھەردە مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشانىسىدا سۇ ۋە لاينىڭ ئىزىنى كۆردۈم
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەدىر كېچىسىنى ئىزدەپ، رامزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى، بىر يىلى شۇنداق ئېتىكاپ قىلدى، ھەتتاكى رامزاننىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى بولغاندا، (ئەسلى ئاشۇ كۈنى سەھەردە ئېتىكاپتىن چىقىدىغان كۈن ئىدى) قەدىر كىچىسىنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇڭا ساھابىلىرىغا: كىمكى مەن بىلەن رامزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغان بولسا، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرىقى ئون كۈندىمۇ قىلسۇن، دېدى. رەسۇلۇللاھقا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قەدىر كېچىسىنى چۈشىدە كۆرسەتكەن، ئاندىن ئۇنتۇلدۇرغان، لېكىن شۇ يىلى ئۇنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنى كۆرگەن ئىدى، ئۇلاردىن: پەيغەمبىرىمىز چۈشىدە بامدات نامىزى ئوقۇپ سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلغان. ئاندىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىنى راستقا چىقاردى-دە، يىگىرمە بىرىنچى كۈنى كېچىدە يامغۇر ياغدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى كەپە شەكىلدە؛ تۈۋرۈكلىرى خۇرما تۈپىدىن، تورىسى خۇرما شاخلىرىدىن يىپىلغان ئىدى. يامغۇر سۇلىرى تامچىپ تۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىگىرمە بىرىنچى كۈنى سەھەردە، سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلدى. تەيسىيرىل ئەللام 349- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 472- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم292- بەت
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىر سەپەرگە چىقىۋىدى، كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە قىستىلىپ تۇرغانلىقىنى ۋە بىر ئادەمنىڭ سايىدىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نېمە ئىش بۇ؟ دېدى، ئۇلار: روزا تۇتقۇچى، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سەپەردە روزا تۇتۇش ياخشى ئىش ئەمەس، دېدى. سەھىھ مۇسلىمدا كەلگەن يەنە بىر رىۋايەتتە: ئاللاھ تائالا سىلەرگە بەرگەن رۇخسىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار! دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانجابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە فەتھى بولغان يىلى بىر سەپەردە ئېدى، كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە توپلىشىۋالغىنىنى ۋە بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرۇپ سايىدىنىۋاتقىنىنى كۆردى (ئىبنى جەرىرنىڭ رىۋايىتىدىمۇ مۇشۇنداق كەلگەن)، پەيغەمبىرىمىز ئۇ كىشى ھەققىدە سورىۋىدى، ئۇلار: ئۇ روزىدار ئىكەن، ئۇسسۇزلۇق ئۇنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپتۇ، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىدىن رەھىمدىل ئېسىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتەن سەپەر ئۈستىدە روزا تۇتۇش ياخشىلىقتىن ئەمەس، لېكىن سىلەر ئاللاھ تائالا سىلەرگە بەرگەن رۇخسىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار! ئۇ سىلەرنى ئىبادەتكە بۇيرۇغاندا ئۆزۈڭلارنى قىيناشنى ئىرادە قىلمىدى، دېدى. تەيسىيرىل ئەللام (327- بەت)، تەنبىھۇل ئەفھام (3- توم،434- بەتلەر)، تەئسىسۇل ئەھكام (3- توم،244- بەت)
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن رامىزان ئېيىدا سەپەرگە چىقتۇق، ھاۋا قاتتىق ئىسسق ئىدى، ھەتتاكى بەزىلىرمىز ئىسسىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن قولىنى بېشىغا قويۇۋالاتتى، بىزنىڭ ئارىمىزدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھەدىن باشقا ھېچكىم روزا تۇتمىغان ئېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ دەيدۇكى: ئۇلار بىر رامىزان ئېيىدا سەپەرگە چىققان ئىدى، ئۇ سەپەر ناھايتى قاتتىق ئىسسىق ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، ھەتتاكى ئىسسىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن كىشىلەر باشلىرىنى ئىسسىقتىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن قوللىرىنى باشلىرىغا قويۇۋالاتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئەنسارىلاردىن بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا ھېچكىم روزا تۇتمىغان ئىدى، ئۇ ئىككەيلەن مۇشۇ قېيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ روزا تۇتتى. بۇ سەپەردە مۇشەققەت بىلەن بولسىمۇ، ھالاكەتكە ئېلىپ بارمايدىغانلام بولسا، روزا تۇتۇشنىڭ جائىزلىقىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەردىندۇر. تەيسىيرىل ئەللام 327- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 432- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم241- بەت
ئەبۇ ھۇرەيرە ېەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مۇسۇلماننىڭ ئېتى ۋە قۇلىغا زاكات كەلمەيدۇ. يەنە بىر ئىبارىدە: پەقەت قۇللىرىغا سەدىقە پىتىر كىلىدۇ، دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئىسلامدا زاكات پرىنسىپى ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بايلارنىڭ پۇل تېپىۋاتقان ياكى پۇل تېپىشقا ھازىرلانغان ماللىرىغا يەنى زېمىندىن چىققان مول-ھوسۇل ۋە تاۋار مال قاتارلىقلارغا زاكات بېرىشنى ۋاجىپ قىلدى. ئەمما مەلۇم غەرەز-مەقسەت ئۈچۈن ساقلىغان پۇل-مېلىغا زاكات كەلمەيدۇ. بۇ خۇسۇسى ئىستىمالى ئۈچۈن بولغانلىقتىن. يەنە شۇنىڭدەك مېنىدىغان ئات، تۆگە، ماشىنا ۋە قۇل-خىزمەتچىلەر، ئۆي ۋە ئۇنىڭ سەرمجانلىرىغا زاكات كەلمەيدۇ. بىراق قۇلى بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە پىتىر كىلىدۇ. چۈنكى ئۇ قۇل تىجارەت ئۈچۈن بولمىسىمۇ، سەدىقە پىتىر ئادەم بېشىغا پەرىزدۇر
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن توستى، ساھابىلار: سىلى ئۇلاپ تۇتىدىلىغۇ؟ دېگەندە، مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، مەن يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىنىپ تۇرىمەن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەرگە كۆڭۈل بۈلۈپ ۋە رەھىمدىللىك قىلىپ ئۇلارنى ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن توستى، لېكىن ساھابىلار ئىبادەتكە، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلارغا ھىرىسمەن بولغاچقا، ئۇلاپ روزا تۇتۇشتا رەسۇلۇللاھقا ئەگەشمەكچى بولدى، ۋە: سىلى ئۇلاپ تۇتىدىلىغۇ؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا دېدىكى: مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، دۇنيا تاماقلىرىنى يېمىسەممۇ مىنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن ئاللاھ تەمىنلەپ تۇرىدۇ. كىمىكى ئۇلاپ روزا تۇتماقچى بولسا سوھۇرلۇققىچە يىمەي، سوھۇردا بىر نەرسە يەپ تۇتسۇن، دېدى. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ يولى كەڭ ۋە ئاسان، جاپا ۋە مۇشەققەت يوق، چېكىدىن ئاشۇرۋىتىش ۋە چۇڭقۇرلاش يوق، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئىنسان ئۆز نەپسىنى قاتتىق چارچىتىپ ئازاپلىغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارنى تەكلىپ قىلمايدۇ. ئاسان ۋە قۇلايلىق بولۇش بىر ئىشنىڭ داۋاملىشىپ مېڭىشىغا پايدىلىق ۋە مالاللىق ۋە زىرىكىشلىكتىن خالى قىلىدۇ. ھەم ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن ئادالەت با، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالا پەرىز قىلغان ئىبادەتنىمۇ جايىدا ئادا قىلىپ، ئىنسان نەپسىنىڭ زورۇر ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ
مۇھەممەد ئبنى ئابباد ئبىنى جەئپەردىن رىۋايەت قىلىپ ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن جابىر ئىبنى ئابدۇللاھتىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەنمۇ دەپ سورىغاندا، ئۇ ھەئە دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە بىر ھەدىستە «كەئبىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەم» شۇنداق دېگەن
نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانجۈمە كۈنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھېيىت كۈنى بولغانلىقتىن، شەرىئەت نازىل قىلغۇچى مۇسۇلمانلارنى، مەيلى روزا مەيلى ناماز بولسۇن بۇ كۈنگە خاس قىلىپ ئادا قىلىشتىن چەكلىدى. پەقەت بىر كىشى ئۇ كۈندە روزا تۇتماقچى بولسا پەيشەمبە ياكى شەمبە كۈنىنى قوشۇپ تۇتسا بولىدۇ، ياكى تۇتۇپ كېلىۋاتقان روزىلىرى جۈمەگە توغرا كېلىپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا دۇرۇس بولىدۇ. بۇنىڭدىكى شەرىئەتنىڭ ھېكمىتى؛ ئاۋام خەلق باشقا كۈنلەرگە كۆرە جۈمە كۈنىدە مۇئەييەن بىر ئىبادەتنى ئارتۇق قىلىش پەرز ئىكەن دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! ئانام بىر ئايلىق روزىسىنى تۇتالماي ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى، مەن ئۇنىڭ ئورنىدا روزىسىنى تۇتۇپ قويسام بولامدۇ دەپ سورىۋېدى، رەسۇلۇللاھ: ئەگەر ئانىڭىزنىڭ قەرزى بولسا تولەمتىڭىز؟ دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئاللاھنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشقا ئۇ تېخىمۇ ھەقلىق دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە بىر ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! ئانام رۇزا تۇتۇشنى نەزىر قىلىپ، ئۇنى تۇتالماي ئۆلۈپ كەتكەن، مەن ئۇنىڭ ئورنىدا روزىسىنى تۇتۇپ قويسام بولامدۇ دەپ سورىۋېدى. رەسۇلۇللاھ: ئەگەر ئانىڭىزنىڭ قەرزى بولسا ئۇنى تولىسىڭىز قەرزى ئادا بولامتى؟ دېۋىدى، ئۇ ئايال: ھەئە دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇنداقتا ئانىڭىز ئۈچۈن روزا تۇتۇڭ، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىس ئىككى رىۋايەت ئارقىلىق كەلگەن، كۈچلۈك كۆز قاراشلاردا بۇ ئىككىسى ئىككى ۋەقەلىك بولۇپ، بىرىنچىسى: بىر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىلىپ، ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، بىر ئايلىق قازا روزىسىنى تۇتالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئانىسىنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش ھۆكمىنى سورىغان. ئىككىنچىسى: بىر ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىلىپ ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلغانلىقىنى(نەزىز قىلىش يەنى ئىبادەت ئىشلىرىدىن بىرنى قىلىشنى ئاللاھقا ۋەدە قىلىشتۇر) ئۇ روزىنى ئانىسىنىڭ ئورنىدا تۇتۇشىنىڭ ھۆكمىنى سورىدى. رەسۇلۇللاھ ھەر ئىككى كىشىگە روزىنى تۇتۇشقا پەتىۋا بەردى. ئاندىن ئۇلارغا مىسال ئېلىپ چۈشەندۈردى، ئەگەردە ئۇلارنىڭ ئانىلىرىنىڭ ئۈستىدە قەرز بولسا ئۇنى ئىگىسىگە تولەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار شۇنداق قەرزنى قايتۇرىمىز دېدى. رەسۇلۇللاھ: خۇددى ئىنسانلارنىڭ قەرزى قايتۇرۇلغاندەك ئوخشاشلا ئاللاھ تائالانىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش لازىم، دەپ جاۋاب بەردى