





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەتكە كىرىدىغان شېھىتتىن باشقا بىرەر كىشى زېمىندىكى بارلىق نەرسە ئۇنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، دۇنياغا قايتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شەھىد ئۆزى كۆرىۋاتقان ھۆرمەت ئۈچۈن دۇنياغا قايتىپ، يەنە ئون قېتىم ئۆلتۈرىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ». يەنە بىر رىۋايەتتە: شېھىت بولغۇچى ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇشنىڭ پەزىلىتىنى كۆرگەندىن كىيىن قايتىدىن شېھىت قىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، دېيىلگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانجەننەتكە كېرىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتكۈل زېمىن ئىچىدىكى ئېسىل نەرسىلەر، خەزىنىلەر، ئالى قەسىر-ئوردىلار، گۈزەل باغلار ئىنئام قىلىنسىمۇ، جەننەتتىن ئايرىلىپ، دۇنياغا يەنە بىر قېتىم قايتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھېچ كىشى چىقمايدۇ، شەھىد بۇنىڭ سېرتىدا بولۇپ، ئۇ شەھىدلەر ئېرىشىدىغان ھۆرمەتنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ھەر قېتىم ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ، شەھىدلىك ئىزدەپ، بىر قېتىمنىڭ ئورنىغا ئون قىتىم شەھىدلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇنياغا ئون قېتىملاپ قايتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، ئاللاھنىڭ يولىدىكى جىھادقا قايسى ئەمەل تەڭ كىلەلەيدۇ؟» دەپ سورالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۇنى قىلالمايسىلەر»دېدى، سورىغۇچىلار ئۇنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىمدا: «سىلەر قىلالمايسىلەر» دەپ جاۋاپ بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىن: «ئاللاھنىڭ يولىدا جىھادقا چىققۇچى تاكى جىھادتىن قايتىپ كەلگۈچە: بوشاشماي روزا تۇتۇپ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن نامازغا تۇرغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ» دېدى. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: بىر كىشى: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، مىنى جىھادقا تەڭ كېلىدىغان بىر ئەمەلگە باشلىغىن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام: «تاپالمايمەن» دېدى، كىيىن: «مۇجاھىد جىھادقا چىقىپ كەتكەن چاغدا سەن مەسچىتكە كېرىپ توختىماي ناماز ئوقۇپ، بىر كۈنمۇ تاشلىماي روزا تۇتالامسەن؟» دېدى، ئۇ: «بۇنى كىم قىلالىسۇن؟» دېدى، دېيىلگەن
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىس ئىككى يول بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بىر ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەجىر-ساۋاپتا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانغا تەڭ كىلىدىغان تائەت-ئىبادەت، ياخشى ئەمەللەردىن بىرسى بارمۇ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۇنى قىلالمايسىلەر»، يەنى: جىھادقا باراۋەر كېلىدىغان ئەمەلنى ئادا قىلىشقا سىلەردە تاقەت يوق دېدى، ئۇلار سۇئالنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسىمۇ ھەر قېتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئۇنى قىلالمايسىلەر» دېدى، كىيىن ئۇلارغا قىلالمايدىغان شۇ ئىشىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ: بوشاشماي، ئۈزۈپ قويماي دائىم روزا تۇتۇش، نامازدا تۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئىدى، بۇ ئىش ئىنساننىڭ قۇدرىتى يىتىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلىۋىدىلا ئۇلارغا: «بۇنى قىلالمايسىلەر» دېگەن ئىدى. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: ساھابىلاردىن بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەجىر-ساۋابىنىڭ كاتتىلىقىدا، قەدىر-قىممەتتە جىھادقا تەڭ كېلىدىغان بىر ئەمەلنى دەپ بىرىشىنى سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «تاپالمايمەن»، يەنى: «جىھادقا ئوخشايدىغان ياكى تەڭ دەرىجىدىكى ئەمەلنى تاپالمايمەن» دېدى. ئىككى سەھىھ كىتاپتا: «ئەتتىگەندە ياكى كەچ تەرەپتە ئاللاھ يولىدا چېقىش دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشى» دېيىلگەن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىن: «مۇجاھىد چىققاندا مەسجىدىڭگە كىرىپ، بوشاشماي ناماز ئوقۇپ، ئۈزمەي روزا تۇتالامسەن»، يەنى: مۇجاھىد ئۆيىدىن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىدىغان ۋاقىتتىن باشلاپ مەسجىدىڭگە كىرىپ، دائىم ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن شۇ يەردە تۇرۇپ، تۇختىماي ناماز ئوقۇپ، ئۈزمەي روزا تۇتالامسەن؟، ئەگەر مۇشۇنداق قىلىش مۇمكىن بولسا مۇشۇ بىردىنبىر جىھادقا تەڭ تۇرىدىغان ئەمەل » دېدى، ئۇ ۋاقىتتا ھىلىقى كىشى: «بۇنى كىم قىلالىسۇن؟» دېدى، يەنى: «كىم توختىماي ناماز ئوقۇپ، ئۈزمەي روزا تۇتالىسۇن؟، بۇ ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ ئىقتىدارىدىن يۇقىرى ئىش» دېدى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھغا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئاللاھ يولىدا بىر ئات تەييارلىسا، قىيامەت كۈنى ئۇ ئاتنىڭ يېگىنى ۋە ئىچكىنى، تېزەكلىگىنى ۋە سىيگەنلىرىدىن تارتىپ ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىق تارازىسىغا چۈشىدۇ»
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقى كۆزلەپ ۋە مەرھىمىتىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن بىر ئات تەييار قىلغان كىشى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ يولىدا ھەرقانداق نەرسە سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ ئەجرىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ» شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۇ ئاتنىڭ يېگەن، ئىچكەن، ھەتتا تېزەك ۋە سۈيدۈكلىرىنىمۇ قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىق مىزانىدا قىلىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئات ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ؛ ئۇ بەزى كىشىلەر ئۈچۈن گۇناھ ئېلىپ كېلىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى قامدايدۇ، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ساۋاپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئىگىسىگە ساۋاپ ئېلىپ كېلىدىغان ئات ئىسلام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يولىدا ئوتلاققا باغلاپ قويۇلغان ئاتتۇر، ئۇنىڭ ئوتلاقتىن يېگەن بىر تال ئوت ياكى تېزەكلىگەن بىر تال تېزەك ياكى سىيگەن بىر قېتىملىق سۈيدىكىگىمۇ نۇرغۇنلىغان ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋېلىپ ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرگەن ۋاقتىدا دەسسىگەن بىر تال قەدىمىگىمۇ، تېزەكلىگەن بىر تال تېزىكىگىمۇ ئاللاھ تائالا نۇرغۇن ساۋاپ يازىدۇ، ئىگىسىنىڭ ئۇنى سۇغۇرۇش نىيىتى يوق ھالەتتە، ئۇنى ئېرىقتىن ئۆتكۈزۈپ كېتىپ بارغان چاغدا ئۇنىڭ ئېرىقتىن ئىچىپ قالغان ھەر-بىر يۇتۇم سۈيى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە نۇرغۇنلىغان ساۋابنى يازىدۇ. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولغان بولسا، ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ». ئەبۇ سەئىد مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇ سۆزگە ھەيران قىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا بۇ سۆزنى قايتا دەپ بەرسىلە دەپ تەلەپ قىلدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ سۆزنى قايتا دەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «يەنە بىر ئىش بار ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن بەندىنى جەننەتتە يۈز دەرىجە كۆتۈرىدۇ، ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىسىدىكى مەرتىۋە ئاسمان-زېمىننىڭ ئارىلىقىدەك كېلىدۇ» دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ قايسى ئىش؟ دەپ سورىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ يولىدا قىلغان جىھاد، ئاللاھنىڭ يولىدا قىلغان جىھاد» دەپ جاۋاپ بەردى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولسا ئۇ كىشىگە جەننەتكە كىرىش ۋاجىپ بولىدۇ.» ئىمام ئەھمەدتىن قىلىنغان رىۋايەتتە: «ئى ئابا سەئىد! ئۈچ تۈرلۈك سۆز بار كىمكى ئۇ سۆزنى دېسە جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەندە، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ ئۈچ تۈرلۈك سۆز قايسى؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولسا» دېدى. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ سۆزگە ھەيران قىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا بۇ سۆزنى قايتا دەپ بەرسىلە دەپ تەلەپ قىلدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ سۆزنى قايتا دەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «ياخشىلىق ۋە تائەت-ئىبادەتتىن يەنە بىر ئىش بار، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن بەندىنى جەننەتتە يۈز دەرىجە كۆتۈرىدۇ، ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىسىدىكى مەرتىۋە ئاسمان-زېمىننىڭ ئارىلىقىدەك كېلىدۇ»دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بۇ يەردە يەنە بىر ئەمەلنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى جەننەتتە يۈز دەرىجە كۆتۈرىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ شۇ ئىشنى سورىشى ئۈچۈن دەسلەپتە بۇنىڭدىن خەۋەر بەرمىدى، ئەبۇ سەئىد بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ قايسى ئىش؟دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش»دەپ جاۋاپ بەردى. مۇجاھىد جەننەت ئەھلىدىن بولۇپ تۇرۇغلۇق، ئۇ كىشىنىڭ مەرتىۋىسى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلمىغان، لېكىن ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولغان كىشىنىڭ مەرتىۋىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدلارغا قىلغان پەزلى، ئىززەت-ئىكرامى، ئۇلار ئۆز نەپسىنى ئاللاھ يولىدا پىدا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالامۇ ئۇلارغا ئىكرام قىلدى، ئۇلارنى جەننەتتە ئالى مەرتىۋە ۋە يۇقىرى ئورۇنلارغا مۇيەسسەر قىلدى
ئەمرۇ ئىبنى ئەبەسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا بىر پاي ئوق ئاتسا ئۇنىڭغا بىر قۇل ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ»
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارىتىپ بىر پاي ئوق ئاتىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئاتقان ئوقى دۈشمەنگە تەگسۇن ياكى تەگمىسۇن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر قۇل ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ. نەسائىينىڭ رىۋايىتىدىمۇ: كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر پاي ئوق ئاتىدىكەن دۈشمەنگە تەگسۇن ياكى تەگمىسۇن ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ دېيىلگەن. ئەمما ئاتقان ئوقى دۈشمەنگە تەگسە ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بەدىلىگە جەننەتتە يۇقىرى مەرتىۋە بېرىلىدۇ. ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە: ئاللاھ يولىدا ئوق ئېتىپ دۈشمەنگە تەگكۈزسە ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر دەرىجە بولىدۇ دېيىلگەن. ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە:جەننەتتە دېيىلگەن
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بىر قېتىم ساغقۇچىلىك مىقداردا ئۇرۇش قىلغان مۇسۇلمان كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ، كىم ئاللاھنىڭ يولىدا جاراھەتلەنسە ياكى يارىلانسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جاراھىتى ياكى يارىسىدىن قان ئاققان ھالەتتە رەڭگى زەپەر رەڭگىدە، پۇرىقى ئىپاردەك خۇشبۇي ھالىتىدە كىلىدۇ
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"نتۆگىنى ئىككى قېتىم سېغىش ئارىسىدىكى ۋاقىتچىلىك (يەنى تۆگىنى بىر قېتىم سېغىپ، ئاندىن بوتىلاقنىڭ ئېمىشى ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، يەنە بىر قېتىم ساققىچە بولغان ۋاقىت) ئازغىنە ۋاقىت بولسىمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان مۇسۇلمان ئۈچۈن جەننەت ۋاجىب بولىدۇ، بىر كىشى ئاللاھنىڭ يولىدا يارىلانغان بولسا، مەسىلەن: ئېتىدىن چۈشۈپ كېتىپ جاراھەتلەنگەن ياكى قىلىچ ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن ئازراق بولسىمۇ يارىلانغان بولسا، ئۇ قىيامەت كۈنى جاراھىتىدىن قان ئېقىۋاتقان ھالەتتە كىلىدۇ، لېكىن قاننىڭ رەڭگى زەپەرنىڭ رەڭگىدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئەڭ ئېسىل پۇراق بولغان ئىپار پۇرىقى تارايدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ قايسى سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ كاتتا؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: تىنىڭ ساغلام، پۇل-مالغا ئىھتىياجلىق تۇرۇپ، كەمبەغەللىقتىن قورقۇغان ۋە بايلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋاقتىڭدا سەدىقە قىلىشىڭ، دېدى. ئۆلۈم سەكراتىغىچە سەدىقە قىلىشنى ئارقىغا سوزمىغىن، ئۇ ۋاقىتتا بۇ مال-مۈلىكىمنى پالانچىغا بېرىڭلار، بۇنى پالانچىغا بېرىڭلار دەيسەن ھالبۇكى ئۇ ۋاقىتتا مال-مۈلىكىڭ پالانچىغا تەۋە بولۇپ بولغان بولىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ سەدىقىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى توغۇرلۇق سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: تىنىڭ ساغلام تۇرۇپ، مال-دۇنياغا ھىرىسمەن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈپ قالغىنىڭدا كەمبەغەل بولۇپ قېلىشتىن قورقۇيدىغان، بايلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋاقىتتا سەدىقە قىلىشىڭ، دېدى. سەدىقە قىلىشنى كىچىكتۈرمىگىن، ساڭا ئۆلۈم يېقىنلاشقاندا، بۇ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا پالانچىغا مال-مۈلىكىمدىن بۇنى سەدىقە قىلدىم ياكىۋەسىيەت قىلدىم، پالانچىغا مال-مۈلىكىمدىن بۇنى سەدىقە قىلدىم ياكى ۋەسىيەت قىلدىم، دەيسەن ھالبۇكى ئۇ ۋاقىتتا سېنىڭ مال-مۈلىكىڭ مىراسخورلىرىڭغا قالغان بولىدۇ
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ قولىدا يىپەكنى، سول قولىدا ئالتۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ: بۇ ئىككى نەرسە ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە چەكلەندى، دەۋاتقانلىقىنى كۆردۇم دەپ ھەدىس بايان قىلغان. ئەبى مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «يىپەك كىيىملەرنى كىيىش ۋە ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئىستىمال قىلىش ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە چەكلەندى، ئاياللىرىغا دۇرۇس قىلىندى» دېگەن
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"نپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوڭ قولىدا يىپەكنى، سول قولىدا ئالتۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ: «بۇ ئىككى نەرسە يەنى ئالتۇن بىلەن يىپەك ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە ھارام قىلىندى، دېدى. بۇ ئۈممەتنىڭ ئەرلىرىگە يىپەك كىيىم ۋە ئالتۇن بۇيۇملارنى ئىستىمال قىلىش چەكلەندى. پەقەت بەدىنىدە قىچىشقاق ياكى قوتا كېسىلى بولغان كىشىلەر باشقا ئامال قىلالمىسا ساقىيىپ بولغۇچە يىپەك كىيىملەرنى كىيسە، بۇرنى كېسىلگەن كىشىلەر ئالتۇندىن بۇرنىنى قاپلاتتۇرسا بولىدۇ. ئەمما ئالتۇن بىلەن يىپەك ئاياللارغا دۇرۇس قىلىندى. ئاياللار ئىسراپ قىلماستىن يىپەك كىيىملەرنى كىيسە ۋە ئالتۇن بۇيۇملارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئىسراپ قىلىپ، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىسراپ قىلماڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.» ئەئراپ سۈرىسى 31-ئايەت
كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن يەپ، يەپ بولغاندا بارماقلىرىنى يالىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم» دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن، يەنى ئوتتۇرا، كۆرسەتكۈچ ۋە باش بارمىقى بىلەن يەيتتى، بۇ يىمەكنى بۇلاپ-تالاپ، ئاچ كۆزلۈك قىلماسلىقنى ئىپادىلەيدۇ، يىمەكتىن بىكار بولغاندا بارماقلىرىنى يالىۋىتەتتى. تاماقنى ئۈچ بارماق بىلەن يىيىش ياخشى، ئەمما ئۈچ بارماق بىلەن يىيىلمەيدىغان تاماق بولسا، نېمە بىلەن يېيىش مۇۋاپىق بولسا شۇنىڭ بىلەن يېيىش كېرەك