





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ۋىتىر ئوقۇشقا ئالدىراڭلار» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ۋىتىر نامىزىنى كېچىنىڭ ئاخىرغا كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش ياخشى كۆرىلىدۇ، لېكىن ۋىتىر نامىزىنى كېچىنىڭ ئاخىرغا كېچىكتۈرگەن كىشى ئېھتىيات قىلىپ، تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ۋىتىر ئوقۇشقا ئالدىراش لازىم، ۋىتىر ئوقۇشتىن بۇرۇن تاڭ سۈزۈلۈپ قالسا ئۇ كىشى بۇ پەزىلەتنى يوقۇتۇپ قويىدۇ
ئەبۇ مەسئۇد ئەلبەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىمدىن بىر كىشى ھېسابقا تارتىلغاندا ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىدىن ھېچ نەرسە تېپىلمىدى، پەقەت ئۇ كىشىلەر بىلەن ئېلىم بىرىم قىلغاندا كەڭ قورساق بولاتتى، خىزمەتچىلىرىنى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەردىن قەرزنى كۆتۈرۋېتىشكە بۇيرۇيدىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا: بىز ئۇنىڭدىن ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق، ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۋېتىڭلار، دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان«بىر كىشى ھېسابقا تارتىلغان» يەنى ئاللاھ تائالا ئۇنى دۇنيادا قىلغان ئىشلىرىدا ھېسابقا تارتتى. «سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر» يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن «ئۇنىڭ ياخشىلىقىدىن ھېچ نەرسە تېپىلمىدى» يەنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە تېپىلمىدى. «پەقەت ئۇ كىشىلەر بىلەن ئېلىم بىرىم قىلغاندا كەڭ قورساق بولاتتى» يەنى سودا-سېتىق، قەرز مۇئامىلىسى قىلاتتى، ئۇ كىشى پۇلدار ئىدى. «خىزمەتچىلىرىنى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەردىن كۆتۈرۋېتىشكە بۇيرۇيدىغان ئىدى» يەنى قەرزدارلاردىن قەرزنى سۈيلىگەندە كەمبەغەل، قەرزنى قايتۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان، قېيىنچىلىقى بار كىشىلەردىن ياكى بىر قىسىم قەرزنى كۆتۈرۋېتىش ياكى پۇل تاپقاندا بېرىشكە مۇھلەت بېرەتتى. «ئاللاھ تائالا: بىز ئۇنىڭدىن ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق» يەنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۋەتتى. يەنى كىشىلەرگە قىلغان ياخشى مۇئامىلىسى، رەھىمدىللىكى، ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغىنىنىڭ بەدىلىگە ئاساسەن ئۇنى كەچۈرۈۋەتتى
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: مەسچىتنىڭ ئەتراپىدا بىر پارچە بوش ئورۇن بار ئىدى، بەنى سەلەمە جەمەتى مەسچىتكە يېقىنراق جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولدى، بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتتى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ماڭا سىلەرنىڭ مەسچىتكە يېقىنراق بىر جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولغان خەۋىرىڭلار يەتتى، شۇنداقمۇ؟» دېدى، ئۇلار: شۇنداق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز شۇنداق قىلماقچى بولدۇق دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى بەنى سەلەمە جەمەتىدىكىلەر! جايىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلەر، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا ئەجىر يېزىلىپ تۇرىدۇ» دېدى، ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىز مەسچىتنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كەلگەن بولساقمۇ، بۇنچىلىك خوشال بولمايتتۇق دېيىشتى
بۇخارى بۇنىڭ ئوخشىشىنى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: بەنى سەلەمە جەمەتى ئۆزلىرىنىڭ تۇرىدىغان جايىدىن مەسچىتكە يىراق ئىدى، مەسچىتكە يېقىنراق بولغان بىر جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە كەلگەندىكىدەك مەدىنە ئەتراپىنى ئادەمسىز تاشلاپ قويۇشنى ياقتۇرمىدى، ئۇلارنى مەدىنىنىڭ ئەتراپىنى گۈللەندۈرۈپ، كېڭەيتىپ، مۇناپىقلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ كۆزىگە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىنىڭ مەنزىرىلىك، كۆركەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى ئىرادە قىلغان ئىدى، ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن سوراپ: «ماڭا سىلەرنىڭ مەسچىتكە يېقىنراق بىر جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولغان خەۋىرىڭلار يەتتى، شۇنداقمۇ؟» دېدى، ئۇلار: شۇنداق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، بىز شۇنداق قىلماقچى بولدۇق دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى بەنى سەلەمە جەمەتىدىكىلەر! جايىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلار، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا ئەجىر يېزىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن سۆزنى ئىككى قېتىم دېدى ۋە ئۇلارغا ھەر بىر قەدەمگە ياخشىلىق، دەرىجە يېزىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە: «سىلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى مەسچىتكە ئەڭ يىراق بولغىنى ئەڭ كۆپ ئەجىرگە ئېرىشىدىغىنىدۇر» دېيىلگەن، ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق، ئى ئەبۇ ھۇرەيرە؟ دېگەندە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «قەدەمنى كۆپ باسقانلىق ئۈچۈن» دېگەن، ئىمام مالىك "ئەل مۇئەتتا" (33)، تۇرالغۇسى مەسچىتتىن يىراق بولغانسېرى ئەجىر-ساۋاب زىيادە بولىدۇ، خاتالىقلىرى شۇ سەۋەبلىك ئۆچۈرۈلىدۇ. ئېنىقكى، بۇ پەزىلەت بىر ئادەم ئۆيىدە تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىپ، بىرەر نەرسىگە مىنگەشمەستىن، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن پىيادە ماڭسا ئىشقا ئاشىدۇ، يەنى قەدەملىرى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىككى نەرسە يېزىلىدۇ: بىرى ئۇنىڭ بىلەن دەرىجىسى ئۈستۈن بولىدۇ، يەنە بىرى بىلەن خاتالىقلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر كىشىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆيىدە تەرەتنى كامىل ئېلىپ، نامازغا چىقسا، ئوڭ پۇتىنى كۆتۈرسە ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يازىدۇ، سول پۇتىنى كۆتۈرسە ئۇنىڭ بىر خاتالىقىنى ئۆچۈرىدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار يىراقتىن كەلسۇن ياكى يېقىندىن كەلسۇن شۇنداق بولىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى(563)، بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ، ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 973- 572- نومۇرلاردا كەلتۈرگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «كېچە پەرۋەردىگارىم ئەڭ گۈزەل قىياپەتتە كەلدى، (يەنى چۈشىدە ) ۋە :ئى مۇھەممەد! يۇقىرىدىكىلەرنىڭ نېمە توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسەن؟دېدى، مەن: شۇنداق، ئۇلار كەچۈرۈم ۋە دەرىجىلەر توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىۋاتىدۇ دېدىم، ئاللاھ: كەچۈرۈم ۋە دەرىجىلەر دېگەن نېمە؟ دېدى، مەن: نامازدىن كېيىن مەسچىتتە تۇرۇش، جامائەتكە مېڭىپ بېرىش قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدىمۇ تەرەتنى كامىل ئېلىش...دېدىم» ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى(3484). شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ، "سەھىھ جامىئۇسسەغىر ۋە زىيادەتۇھۇ"ناملىق ئەسەرنىڭ 1-توم 72-بەتتە كەلتۈرگەن. بۇ ھەدىس دەرىجىگە ئېرىشىشنىڭ بىرقانچە ئىشلار بىلەن روياپقا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: 1 -تاھارەت ئېلىپ مەسچىتكە بېرىش. 2-ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىش (ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن مەقسەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ) بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. 3- ئۆيىدىن پەقەت مەسچىتنى مەقسەت قىلىپ چىقىش.4-ئۇلاغقا مىنمەستىن مېڭىپ كېلىش، ئۆزرۈلۈك بولۇپ قالسا ئۇلاغقا مېنىپ كەلسە بولىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ساھابىلاردىن بىر كىشى ئاتلىق سۇ ئېقىپ تۇرغان بۇلاق بار بىر جىلغىدىن ئۆتتى، بۇلاق ئۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى، ئۇ كىشى كۆڭلىدە مەن كىشىلەردىن ئايرىلىپ بۇ جىلغىدا ئىبادەت قىلسام قانداق بولار؟ بۇ ئىشنى قىلساممۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رۇخسىتىسىز ھەرگىز قىلمايمەن، دەپ ئويلاپ، ئۇ پىكرىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق قىلمىغىن، شەكسىز سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلىرىڭلارنىڭ مەرتىۋىسى، ئۆيىدە يەتمىش يىل ناماز ئوقۇغاندىن ئارتۇق بولىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈشىنى ۋە سىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ يولىدا غازات قىلىڭلار، «كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بوتىلىقى ئۈچۈن سۈت يېغىشقا قويۇپ بەرگەن ۋاقىتچىلىك مۇددەت ئىچىدە جىھاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ»دېدى.
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر كىشى ئاتلىق تاغدىكى بىر جىلغىدىن ئۆتىدۇ، ئۇ جىلغىدا تاتلىق سۇ ئاقىدىغان بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇ بۇلاق ئۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى، ئۇ كۆڭلىدە كىشىلەردىن ئايرىلىپ ئاشۇ جايدا تۇرۇپ، شۇ بۇلاقنىڭ سۈيىدىن ئېچىپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى ياقتۇرۇپ قالدى، لېكىن ئۇ كىشى بۇ ئىشنى قىلساممۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رۇخسىتىسىز ھەرگىز قىلمايمەن، دەپ ئويلاپ، بۇ ئويىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق قىلمىغىن» دەپ ئۇ كىشىنى ئۇنداق قىلىشتىن توستى، چۈنكى غازات قىلىش ئۇ كىشىگە ۋاجىپ بولغان ئىدى، ئۇ كىشىنىڭ ۋاجىپ بولغان ئەمەلنى تەرك قىلىپ نەپلە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كىشىلەردىن ئايرىلىۋىلىشى ئاسىيلىق ھېسابلىناتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلىرىڭلارنىڭ مەرتىۋىسى، ئۆيىدە يەتمىش يىل ناماز ئوقۇغاندىن ئارتۇق بولىدۇ،» دېگەن. يەنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش دېگەن پەقەت ناماز ئوقۇش ئۈچۈن يەتمىش يىل ئايرىم تۇرغاندىن ياخشى بولىدۇ، چۈنكى جىھادنىڭ پايدىسى باشقىلارغا بولىدۇ، نەپلە ناماز ئوقۇغاننىڭ پايدىسى پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىلا بولىدۇ، «سىلەر ئاللاھنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈشىنى ۋە سىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟» يەنى ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈشىنى ۋە سىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى ياقتۇرساڭلار، سەبىر قىلىپ ۋە سەۋەپ ئۈمىد قىلىپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جىھادنىڭ پايدىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بوتىلىقى ئۈچۈن سۈت يېغىشقا قويۇپ بەرگەن ۋاقىتچىلىك مۇددەت ئىچىدە جىھاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ» يەنى كىمكى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئازغىنە ۋاقىت بولسىمۇ ئۇرۇشقا قاتناشسا ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىرەرسىڭلار كېچىدە تۇرغاندا، قۇرئان تىلىغا كەلمەي، نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىسە، يېتىپ ئارام ئالسۇن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: بەندە كېچە نامىزىدىكى ۋاقىتتا، مۈگدەك بىسىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قۇرئان ئايىتىنى تىلاۋەت قىلىش قېيىن بولۇپ، نېمە دەۋاتقىنىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە بولسا، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇيقۇسى تۈگىگەنگە قەدەر يېتىپ ئارام ئالسۇن، بەلكىم سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىپ، مەنىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويىشى، ھەتتا ئۆزىنىڭ زېيىنىغا دۇئا قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. بۇخارىنىڭ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلغان رىۋايىتىدە: «بىرىڭلار نامازدا مۈگدەپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئوقۇغان نەرسىسىنى بىلگەنگە قەدەر ئۇخلىسۇن» دېيىلگەن
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن روزا تۇتقانلارلا كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ، روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟دېيىلسە، روزا تۇتقۇچىلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ، ئۇلار كىرىپ بولسا ئىشىك تاقىلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا بىرسىگە ئېچىلمايدۇ»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: جەننەتتە روزا تۇتقۇچىلارغا خاس بولغان رەييان ئاتلىق بىر ئىشىك بولۇپ بۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقىلار كىرەلمەيدۇ، پەرز ۋە نەپلە روزىلارنى تولۇق تۇتقان كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەر ئاشۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن چاقىرىدۇ، ئۇلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئىشىك تاقىلىپ، ئۇلاردىن باشقا ھېچكىمگە ئېچىلمايدۇ
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ئايلاردا ھەتتا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا روزا تۇتمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلىپ قالغۇدەك ھالدا روزىسىز يۈرەتتى، بەزى ئايلاردا شۇنداق روزا تۇتاتتىكى ھەتتا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئاينى بىرەر كۈنمۇ روزا تۇتماي ئۆتكۈزمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچىسى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرەي دېسەڭ، ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرەلەيتتىڭ، ئۇخلىغان ھالەتتە كۆرەي دېسەڭ ئۇخلاۋاتقان ھالەتتە كۆرەتتىڭ
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەپلە روزىسى، قىيامدا تۇرىشى قاتارلىق شەخسى ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇنىڭ دېيىشچە: بەزى ئايلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېغىزى ئوچۇق بولۇپ، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ ئىپتار قىلغانلىقىغا قاراپ، بۇ ئايدا نەپلە روزا تۇتمايدىكەن دەپ ئويلاپ قالاتتۇق، بەزى ئايلاردا نەپلە روزىنى شۇنداق كۆپ تۇتاتتىكى، ھەتتا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا تولۇق روزا تۇتىدىكەن دەپ ئويلاپ قالاتتۇق، شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىلىك نامازنى مەلۇم بىر ۋاقىتتا بېكىتمەيتتى، بەلكى بەزى كېچىنىڭ دەسلىپىدە، بەزى كېچىنىڭ ئوتتۇرسىدا، بەزى ۋاقىتتا كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچە ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرۈشنى ياقتۇرىدىغانلار ئۇنى كېچىدە ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە، كېچىدە ئۇخلىغان ھالەتتە كۆرۈشنى ياقتۇرىدىغانلار ئۇخلىغان ھالەتتە كۆرەلەيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان ئەمىلى سەل قاراش بىلەن چەكتىن ئاشۇرۋېتىشنىڭ ئارىسىدا ئىدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كىشى سۈت ئەمچەككە قايتقانغا قەدەر دوزاخقا كىرمەيدۇ. ئاللاھ يولىدا قوزغالغان چاڭ-توزاڭ بىلەن جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى جەم بولمايدۇ. يەنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان كىشى جەھەننەمگە كىرمەيدۇ
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە، ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كىشىنىڭ دوزاخقا كىرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. چۈنكى ئاللاھتىن قورقىغان ئادەم، كۆپۈنچە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، گۇناھ مەئسىيەتتىن يىراق بولىدۇ. سۈت ئەمچەككە قايتقانغا قەدەر دوزاخقا كىرمەيدۇ، دېگەن بۇ سۆز، ئۇنىڭ دوزاخقا كىرىشى مۈمكىن ئەمەس، دېگەن مەنىدە كەلگەن. ئاللاھ يولىدا قوزغالغان چاڭ-توزاڭ بىلەن جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى جەم بولمايدۇ، دېگەن بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى: بۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە زىت، قارمۇ قارشى، شۇنىڭدەك دۇنيا ۋە ئاخىرەتمۇ بىر-بىرىگە زىت قارمۇ-قارشى، دېگەن مەنىدە
زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ تاققا چىقىپ، بىر باغلام ئوتۇننى مۈرىسىگە ئارتىپ كېلىپ سېتىپ، شۇ ئارقىلىق (ئاللاھ ئۇنىڭ) يۈزىنى ساقلاپ قىلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەردىن تىلىگىنىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى كىشىلەر بىرىدۇ ياكى بەرمەيدۇ»
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنساننىڭ ئۆز قولى بىلەن ئىشلىشى كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى سورىغىنىدىن ياخشىدۇر، ئۇلار خالىسا بېرىدۇ، خالىسا بەرمەيدۇ، ئارغامچىسىنى ئېلىپ يايلاق، ئېتىزلىق ۋە ئورمانلارغا چىقىپ ئوتۇن تېرىپ، دۈمبىسىگە ئارتىپ كېلىپ سېتىپ، تۇرمۇشىنى قامداپ ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىشى باشقىلاردىن بىر نەرسە سوراپ، خار بولغىنىدىن ياخشىدۇر، ئۇلار يا بېرىدۇ، يا بەرمەيدۇ، كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراش خارلىقتۇر، مۆمىن دېگەن ئىززەتلىكتۇر، خار ئەمەستۇر