





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبى جۇھەيپە ۋەھبى ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسسۇۋائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قىزىل چىدىردا تۇرغاندا كەلدىم، ئۇ دەيدۇ: بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئېشىپ قالغان تاھارەت سۇيىنى ئېلىپ چىقتى، بەزىلەر ئۇ سۇنى ئۆزىگە تۆكىۋالسا، سۇ يەتمىگەنلەر ئۇلارغا قولىنى سۇرىۋالاتتى، شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ قىزىل بىر توننى كېيىپ چىقتى، مەن ئۇنىڭ پاقالچىقىنىڭ ئاقلىقىغا قارىدىم، ئاندىن تاھارەت ئالدى، بىلال ئەزان ئوقۇدى، راۋى دەيدۇ: مەن بىلالنىڭ ئېغزىغا ئەگىشىپ ھەركەتلەندىم، ئۇ ئوڭ، سول تەرەپلەرگە قاراپ «ھەييى ئەلەسسالا ھەييى ئەلەلفالاھ» دەيتتى، ئاندىن رەسۇلۇللاھقا بىر ھاسا تىكلەندى، رەسۇلۇللاھ سەپ ئالدىغا چىقىپ پىشىن نامىزىنى ئىككى رەكىئەت ئوقىدى، شۇنىڭدىن كېيىن مەدىنىگە قايىتقۇچە نامازنى قەسىر قىلىپ ئىككى رەكىئەتتىن ئوقىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىنىڭ ئۈستى تەرپىدىكى ئەبتەھ دېگەن جايغا چۈشكەن ئىدى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ تاھارىتىدىن ئېشىپ قالغان سۇيىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، ساھابىلەر بۇ سۇنى تەۋەرۈك بىلىپ ئېلىشقا باشلىدى، بىلال ئۇلارغا رۇخسەت قىلدى. ئەبۇ جۇھەيپە دەيدۇ: مەن بىلالنىڭ ئېغىزىغا«ھەييى ئەلەسسالا، ھەييى ئەلەلفەلاھ» دېگەندە ئەگىشىپ قايسى تەرەپكە يۈزلەنسە شۇ تەرەپكە ئۆتتۈم، چۈنكى بۇ ئىككى جۈملە كىشىلەرگە بۇ ئەزاننى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئاندىن نامازدا سىترە بولۇش ئۈچۈن قىسقا بىر نەيزە تىكلەندى، رەسۇلۇللاھ پىشىن نامىزىنى ئىككى رەكىئەت ئوقىدى، مۇساپىر بولغانلىقتىن مەدىنىگە قايتقانغا قەدەر تورت رەكىئەتلىك نامازلارنى ئىككى رەكىئەت قىلىپ ئوقىدى
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ ئىككى قۇلى ۋە ئىككى پۇتى ئارىلىقىدا ئولتۇرۇپ جىماغا تۇتۇش قىلسا، غۇسلى ۋاجىپ بولغان بولىدۇ، دېدى. يەنە بىر رىۋايىتىدە: گەرچە مەنىي چىقمىسىمۇ، دەپ كەلگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەگەر ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ تۆت ئەزاسىنىڭ ئارىلىقىدا ئولتۇرسا، ئاندىن زەكىرىنى ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە كىرگۈزسە، ئۇ ئىككىسىگە جۇنابەتتىن غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، گەرچە سپېرما چىقمىسىمۇ. چۈنكى كىرگۈزۈشنىڭ ئۆزىلا غۇسلىنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىدىن بەزىسى ئۆزلىرىنى يۆگىگەن ھالدا جامائەتكە قاتنىشاتتى، ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىشاتتى، ئەمما قاراڭغۇدا ئۇلارنى ھېچكىم تونىيالمايتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلارنىڭ ئاياللىرى ئورانغان ھالەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بامدات نامىزىغا قاتنىشاتتى، ۋە نامازدىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتقاندا، تېخى قاراڭغۇلۇق يورۇقلۇققا ئارىلىشىپ تۇرغانلىقى سەۋەبلىك، يەنى كۆرۈشنى توسۇپ تۇرىدىغان قاراڭغۇنىڭ قالدۇقى تېخىچە بولغانلىقىدىن، ئۇلارغا قارىغانلار كىملىكىنى تونىيالمايتتى. بەسسامنىڭ تەيسىرۇلئەھكام 86- بەت
ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سەدىقىلەرنىڭ ئەۋزىلى ئاللاھ يولىدا تىككەن چېدىرنىڭ سايىسى، ئاللاھ يولىدا خىزمەتچى بېرىش ياكى ئاللاھ يولىدا قورامىغا يەتكەن تۆگە بېرىش» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنسان سەدىقە قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئاللاھ يولىدا تىكىلگەن چېدىرنىڭ سايىسى ياكى ئاللاھ يولىدا چىققان كىشىگە خىزمەت قىلىش، ياكى ياراملىق بىر تۆگە بېرىشتىن ئىبارەت، بۇ ئاللاھ يولىدا چىققان مۇجاھىتلارغا بېرىلسۇن ياكى باشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بېرىلسۇن، ھەممىسى ئاللاھ يولىدا بېرىلگەن بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئەۋزەل بولىشى شۇ زاماندا كىشىلەرنىڭ شۇ نەرسىلەرگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغانلىقىدىندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى شۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرگەن. ئەمما ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇ نەرسىلەرگە كىشىلەرنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ ياكى بولسىمۇ ئاز بولىدۇ، ھۆكۈم كۆپنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ھەدىس ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنۇ ھەدىسكە ئوخشايدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! خورما يوق ئۆيدىكى كىشىلەر ئاچ ئولتۇرىدۇ» دېگەن، مۇسلىم رىۋايىتى. شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، خورما شۇ ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە خورمىنى يېمەكلىك قىلىدىغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى ھېسابلىناتتى
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «مەن سىلەرگە مىسۋاك ئىشىلتىشنى كۆپ تەۋسىيە قىلىمەن
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى مىسۋاك ئىشلىتىش ۋە ھەر ۋاقىت ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق ھالىتىدە ئەمەس، مۇستەھەب ھالىتىدە كۆپ تەۋسىيە قىلدى، چۈنكى ئۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىق ۋە زور پەزىلەتلەر بار، ئۇ پەزىلەتنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئۇلۇغى ئاللاھ تائالانى رازى قىلىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ شېھىتنىڭ قەرزىدىن باشقا ھەممە گۇناھىنى كەچۈرىۋېتىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈش، قەرىزدىن باشقا ھەممە گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ» دېيىلگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: شېھىتلىك مەرتىۋىسى قەرزدىن باشقا چوڭ-كېچىك ھەممە گۇناھنى ئۆچۈرىدۇ، قەرزنى ئۆچۈرمەيدۇ، ئۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەققىنىڭ بولۇپمۇ مالغا ئالاقىدار ھەقنىڭ كاتتا بولغانلىقىدىندۇر، چۈنكى مال ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئەزىز، قەرىزگە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئالاقىدار بولغان ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق، خىيانەت قاتارلىق نەرسىلەر قېتىلىدۇ، ھەقىقەتەن جىھاد، شېھىتلىك ۋە باشقا ياخشى ئەمەللەر ئاللاھنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولغان گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللم مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ سەدىقە، تىلەمچىلىكتىن ساقلىنىشنى تىلغا ئالدى ۋە: ئۈستۈن قول تۆۋەنكى قولدىن ياخشى، ئۈستۈن قول دېگىنىمىز بەرگۈچى قول، تۆۋەنكى قول دېگىنىمىز تىلىگۈچى قولدۇر، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەدىقە قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ، تىلەمچىلىك قىلىشنى سۆكتى. ياخشىلىق يوللىرىدا پۇل-مال چىقىم قىلىپ تۇرىدىغان، خەيرى-ئىھسان قىلىدىغان كىشى باشقىلاردىن (يەنى خەيرى-ئىھسان سورايدىغانلاردىن) ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى مەيمۇنە بىنتى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىماي دېدىكىنى ئازات قىلىۋەتتى، ئاياللارغا تەقسىم قىلىنغان كۈنلەردىن مەيمۇنەنىڭ نۆۋىتى كەلگەن چاغدا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەزدىڭىزمۇ مەن دېدىكىمنى ئازات قىلىۋەتتىم، دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «راستلا شۇنداق قىلدىڭىزمۇ؟»دېدى، ئۇ: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۇنى تاغىلىرىڭىزغا بەرگەن بولسىڭىز سىزگە تېخىمۇ كاتتا ئەجىر بولاتتى، دېدى»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانمۆمىنلەرنىڭ ئانىسى مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاللاھ يولىدا قۇل ئازات قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خەۋەرمۇ قىلماي ياكى رۇخسەتمۇ سورىماي ئۆزىنىڭ بىر دېدىكىنى ئازات قىلىۋەتتى، ئۆزىنىڭ نۆۋىتى كەلگەن كۈنىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۇ ھەقتە خەۋەر قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: شۇنداق قىلدىڭىزمۇ؟ دېگەندە، ئۇ: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي قىلغان ئىشىنى ئىنكار قىلمىدى بەلكى ئۇنىڭغا: ئەگەر ئۇنى تاغىلىرىڭىزغا بەرگەن بولسىڭىز سىزگە تېخىمۇ كاتتا ئەجىر بولاتتى دېدى، بۇنىڭ مەنىسى: ياخشى ئىش قىلىپسىز، لېكىن سىز بۇ ھەدىيەنى ھىلالنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان تاغىلىرىڭىزغا بەرگەن بولسىڭىز، سىزگە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى يەتكۇزگەنلىك ۋە سەدىقە قىلغانلىقتىن ئىبارەت ئىشىڭىزغا كۆپ ئەجىر-ساۋاپ بېرىلەتتى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا قەرز سۈيلەپ كىلىپ، رەسۇلۇللاھقا قوپاللىق قىلدى، ساھابىلار ئۇنى ئەدەپلەشكە تەمشەلگەندە، رەسۇلۇللاھ: «بولدى قىلىڭلار، ھەق ئېگىسىنىڭ سۆزلەش ھەققى بار» دېدى. ئاندىن ئۇلارغا: ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ تۆگىسىنىڭ يېشىدا بىر تۆگە بېرىڭلار، دېدى، ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇنىڭ تۆگىسىدىن چوڭ تۆگىلەرلا بار ئىكەن دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: ئۇنى بېرىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغىنىڭلار، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبىر كىشىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدە قەرزى بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن بىر كىچىك تۆگە قەرز ئالغان ئىدى. ئۇ كىشى قەرزنى سۈيلەپ كىلىپ، رەسۇلۇللاھقا تەلىۋىدە قوپاللىق قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى رەسۇلۇللاھقا قوپال ۋە نالايىق مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەدەپلەشكە ۋە ئۇرۇشقا تەمشەلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: خالىغىنىنى دېگىلى قويۇڭلار، ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، ھەق ئېگىسىنىڭ قەرزداردىن قەرزنى سۈيلەش ھەققى بار، دېدى. بىراق قەرزنى سۈيلەش ئەدەپ بىلەن بولىشى كېرەك، تىل-ھاقارەت قىلىش، ئابرۇيىغا تېگىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقى ئەمەس. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى ئۇنىڭ تۆگىسىنىڭ يېشىدا بىر تۆگە بېرىشكە بۇيرىدى. ساھابىلار: ئۇنىڭ تۆگىسىدىن چوڭ تۆگىلەرلا بار ئىكەن، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: ئۇنىڭ تۆگىسىدىن چوڭ تۆگە بولسىمۇ بېرىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ كىشىلەر بىلەن ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىڭلار، ساۋابى ئەڭ كۆپلىرىڭلار قەرز ۋە باشقا ھەقلەرنى ياخشى تۈگىتىدىغىنىڭلار، دېدى