





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە راۋى بۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ ئىككى قولىنى مۆرىسىگە يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن ئىككى پۇتىنى پاقالچىقىغا يېقىن بىر يەرگىچە يۇيدى، ئاندىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دېدى: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. «كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرلىرىنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن» دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قىيامەت كۈنى مۆئمىننىڭ زىينىتى تاھارەتنى قەيەرگىچە ئالغان بولسا شۇ يەرگىچە بولىدۇ
مۇسلىم بۇ ھەدىسنى ئىككى ئىسنادتا رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈممىتىنى پۈتۈن ئۈممەتلەر ئىچىدىن قىيامەت كۈنىدە ئالاھىدە بەلگە ۋە شەرەپ بىلەن خاس قىلغانلىقىدىن خۇش بىشارەت بېرىدۇ، ئۇ كۈندە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتى بارلىق ئۈممەتلەر ئارسىدىن چىرايلىرى، پۇت-قوللىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيادا ئاللاھ تائالانى رازى قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ساۋابقا ئېرشىش مەقسىتىدە، ئۇلۇغ ئىبادەت تاھارەتنى كۆپ ئېلىپ، بۇ ئەزەلارنى كۆپ يۇغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى ئالاھىدە شەرەپلىك بولغان. ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: كىمىكى ئۇ نۇرلارنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن، دېگەن. تاھارەت ئالغاندا يۇيىدىغان ئەزالارنى كېڭەيتىپ يۇيسا قىيامەت كۈنىدىكى نۇرىمۇ كېڭىيىدۇ، چۈنكى ئۇ نۇر تاھارەت سۈيى يەتكەن يەرگىچە ئۇزۇن بولىدۇ. ئەمما شەرىئەت كۆرسەتكەن يۇيۇش، ئىككى قولنى جەينەككىچە ياكى جەينەكتىن ئازراق ئاشۇرۇپ يۇيۇش، ئىككى پۇتىنى ئۇشۇققىچە ياكى پاقالچاقتىن بىر ئاز يۇيۇش مانا بۇ شەرىئەت كۆرسەتكەن چەك، لېكىن پاقالچاق ياكى جەينەك ئۈستىنى يۇيۇشنى شەرىئەت يولغا قويمىغان
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى مەنينى يۇيۇۋىتەتتىم، ئاشۇ ھۆل كىيىم بىلەن نامازغا چىقىۋېرەتتى. يەنە بىر ھەدىستە «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى مەنينى ئۇۋلىۋىتەتتىم، ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقىۋىرەتتى» دېگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىزگە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىگە گاھىدا مەني يۇقۇپ كەتكەندە، ھۆل ھالىتىدە بولسا ئۇنى يۇيىۋېتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ كىيىمى قۇرىمىسىمۇ نامازغا چىقىۋىرىدىغانلىقىنى، گاھىدا مەنىي قۇرۇق بولسا ئۇنى ئۇۋلاپ چىقىرىۋىتىدىغانلىقىنى، شۇ كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇۋىرىدىغانلىقىنى، بايان قىلىپ بەرگەن
ئائىشە بىنتى ئەبى بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەپلە ئىبادەتلەر ئىچىدە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىنمۇ بەكراق چىڭ تۇتقان ئىبادەت يوق ئىدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتۈن نەرسىلەردىن ياخشىدۇر
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ۋە تەكىتلەنگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ نامازنى تەكىتلىگەنلىكىنى ۋە ئۆزى ئەمەلى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇنى يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى قاتتىق چىڭ تۇتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىككى رەكئەت سۈننەت دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتۈن نەرسىلەردىن ياخشىدۇر، دەپ خەۋەر بەردى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ پەزىلىتى يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىس يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن جامائەت بىلەن ئوقۇغان ناماز ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، جامائەتنىڭ ھەر جەھەتتىن پايدىسى كۆپ بولغانلىقتىن يالغۇز ئوقۇلغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بولىدۇ، مۇسۇلمانلار ئارا مەنپەئەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ۋە نامازدىن كۆزلەنگەن مەقسەتنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتىن ئىككى ئىش ئوتتۇرسىدا چوڭ پەرىق بار. بۇ ساۋابنى قولدىن كەتكۈزگەن كىشى نۇرغۇن ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالىدۇ
مۇئازە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سوراپ مۇنداق دېدىم: نېمە بولاپ ھەيزدارلار روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ؟ ئائىشە: خاۋارىجمۇ سىز؟ دېدى، مەن: خاۋارىج ئەمەسمەن، بىراق سوراپ بىلىۋالماقچىمەن، دېدىم، ئائىشە: بىز رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھەيزىدار بولساق، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىققا بۇيرۇلغان، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانمۇئازە رەزىيەللاھ ئەنھا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن شەرىئەتنىڭ ھەيزدار ئايالنى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىقىدىكى ھىكمەت ۋە سەۋەب توغرۇلۇق سورىدى، گەرچە ناماز شەرىئەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا روزىدىن ئۇلۇغ. ئىبادەتنىڭ قازاسىنى قىلىشتا ناماز بىلەن روزىنىڭ ئارىسىنى پەرىقلەندۇرمەسلىك خاۋارىجلارنىڭ مەزھىبى ئىدى، ئۇ مەزھەب جاپا ۋە ئېغىرچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. شۇ سەۋەبتىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇئازەدىن سورىدى، سىز خاۋارىجمۇ؟ ئۇلار ئېتىقاد قىلغاندەك ئېتىقادتىمۇ؟ ئۇلار چىڭىتىۋالغاندەك ئېغىر يولدىمۇ؟ دېدى. ئۇ ئايال جاۋاب بىرىپ: مەن خاۋارىج ئەمەس، لېكىن بىلىش ئۈچۈن سوراۋاتىمەن، دېدى. ئائىشە: رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھەيىزدار بولغىنىمىزدا ناماز ۋە روزىنى تەرىك ئېتەتتۇق، رەسۇلۇللاھ بىزنى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىققا بۇيرۇيتتى، ئەگەر نامازنى قازا قىلىش ۋاجىب بولسا سۇكۇت قىلماي ئۇلارنى بۇيرۇيتى، دېدى. ئائىشە: شەرىئەتنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەك-چىگرالىرىدا توختاش ھىكمەت ۋە توغرا يولدۇر، دېمەكچى بولدى
ئەبۇ جەئپەر مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپتىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۇ كىشى دادىسى بىلەن جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا تۇرغاندا ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۇيۇنۇش توغرىسىدا سوئال سورىدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىر سا (ئۈچ لىتىر) يېتىدۇ» دېدى، بىر كىشى: «ماڭا يەتمەيدۇ» دېگەن ئىدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «سەندىن ياخشى ۋە سەندىن چېچى كۆپ كىشىگىمۇ بىر سا سۇ يىتەتتى» (بۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مەقسەت قىلىدۇ) دېدى، ئاندىن بىرلا كېيىم بىلەن بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى، يەنە بىر سۆزدە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇيۇنغاندا بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇياتتى» دېيىلگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەبۇ جەئپەر مۇھەممەد ئىبنى ئەلى دادىسى بىلەن ھۆرمەتلىك ساھابە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا بولغان ئىدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا بىر مۇنچە كىشىلەر بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن جۇنابەتتىن غۇسلى قىلىشتا قانچىلىك سۇنىڭ يېتىدىغانلىقى توغرىسىدا سۇئال سورىدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىر سا سۇ يېتىدۇ» دېدى، ھەسەن ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىي كىشىلەر بىلەن جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئىدى، ئۇ: «ئۇنچىلىك سۇ ماڭا جۇنابەتتىن غۇسلى قېلىشقا يەتمەيدۇ» دېدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىر سا سۇ سەندىن چېچى كۆپ، سەندىن ياخشى، دىنىغا ۋە پاكىزلىققا سەندىنمۇ بەك ھېرىسمەن بولغان كىشىگە يېتەتتى» (بۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەقسەت قىلىدۇ) دېگەن، بۇ ھەدىس سۈننەتكە ئەگىشىپ، سۇنى ئىسراپ قىلماسلىققا قىزىقتۇرىدۇ، ئاندىن جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەن
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ھەيزدار ھالىتىمدە قۇچىقىمغا يۆلىنىپ قۇرئان ئوقۇيتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھەيزدارلىق ھالىتىدە قۇچىقىغا يۆلۈنۈپ يېتىپ قۇرئان ئوقۇيتتى. بۇ، ھەيزدارنىڭ بەدىنىنىڭ پاك، ھەيز بىلەن نىجىس بولمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىشىننى كۈن قەرىلگەندە، ئەسىرنى بولسا كۈن تېخى نۇرلۇق چاغدا، شامنى كۈن پاتقاندا ئوقۇيتتى، خۇپتەننى بەزىدە كېچىكتۈرۈپ، بەزىدە بالدۇر ئوقۇيتتى، جامائەتنىڭ توپلانغانلىقىنى كۆرسە بالدۇر ئوقۇيتتى، جامائەت كىچىكسە تەخىر قىلاتتى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەيھى ۋەسەللەم بامداتنى قاراڭغۇدىلا ئوقۇيتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىشنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىتلىرى بايان قىلىنغان، پىشىن نامىزى قوياش تىكلىشىپ بىر ئاز قەرىلگەندىن باشلاپ ئوقۇلىدۇ، بۇ دەسلەپكى ۋاقتى. ئەسىر نامىزى قوياش تېخى نۇرلۇق، قوياش پېتىشتا كۆرۈلىدىغان سېرىقلىق يوق ۋاقىتتا ئوقۇلىدۇ، زاۋال سايىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئىككى ھەسسە بولغاندا ئوقۇلىدۇ. شام نامىزى قوياش پاتقاندىن كېيىنلا ئوقۇلىدۇ. ئەمما خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى جامائەت بولغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئوقۇلىدۇ، ئەگەر دەسلەپكى ۋاقتىدا كەلسە شۇ ۋاقىتتا بولمىسا جامائەتكە ئېغىرچىلىق بولمىسا كېچە يېرىم بولغاندا ئوقۇلىدۇ، دەسلەپكى ۋاقتى بولسا قوياش پاتقاندىن كېيىنكى قىزىللىق يوقالغان ۋاقىت. بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى تاڭ يورۇشقا باشلىغاندا ئوقۇلىدۇ
ئۇممۇ قەيىس بىنتى مىھسەن ئەلئەسەدىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ، ئۇ ئايال كىچىكلىكىدىن تېخى تاماق يىگۈزمىگەن ئوغۇل بالىسىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ئەكىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ بالىنى قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزدى، بالا رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا سۇ چېچىۋەتتى، لىكىن يۇيمىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر بالا كەلتۈرۈلدى، ئۇ بالا رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ كەينىدىنلا سۇ ئەكەلدۈرۈپ تۆپىسىگە تۆكىۋەتتى. يەنە بىر ھەدىستە: ئارقىدىنلا سۇ تۆكتى، يۇيمىدى، دېگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانساھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۇئاسى ۋە بەركىتىنى ئېلىش ئۈچۈن قېشىغا باللىرىنى ئېلىپ كىلەتتى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى بولغانلىقتىن ئۇلارنى ئىللىق ۋە ياخشى كۈتىۋالاتتى. بىر كۈنى ئۇممۇ قەيىس ئىمىدىغان كىچىك بالىسىنى رەسۇلۇللاھقا ئېلىپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ مېھرىبانلىقىدىن ئۇ كىچىك بالىنى مۇبارەك قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزدى، شۇ ۋاقىتتا بۇۋاق رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ دەرھال ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ چېچىۋەتتى، ئۇ ئورۇننى يۇيمىدى