





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەققى بەشتۇر، سالامغا جاۋاپ بېرىش، كېسەل بولسا يوقلاش، جىنازىسىغا ئەگىشىش، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ۋە چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا قارىتا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھەق-ھوقۇقلىرىنى بايان قىلىپ بەردى. بۇ ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ئەۋۋىلى: ئۇچراشقاندا سىزگە سالام قىلغان كىشىنىڭ سالامىغا جاۋاپ قايتۇرۇش. ئىككىنچىسى: كېسەل بولۇپ قالسا، كېسىلىنى يوقلاش ۋە زىيارەت قىلىش. ئۈچىنچىسى: ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئۆيىسىدىن باشلاپ جىنازە نامىزى ئادا قىلىدىغان ئورۇنغىچە ۋە ئۇ يەردىن قەبرىستانلىققىچە جىنازىگە ئەگىشىپ ھەتتا دەپنە قىلىپ بولغىچە بىرگە تۇرۇش. تۆتىنچىسى: توي، ئەقىقە دېگەندەك زىياپەتلەرگە چاقىرىلسا، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىپ بېرىش. بەشىنچىسى: بىر كىشى چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش. ئۇنىڭدىن كېيىن چۈشكۈرگۈچى: ئاللاھ سىزنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ئىشلىرىڭىزنى ياخشى قىلسۇن دەپ جاۋاپ بېرىش.
جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر نەرسە ئالغاندىمۇ ۋە ساتقاندىمۇ ۋە قەرز ئادا قىلغاندىمۇ كەڭ قورساق بولغان كىشىگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن».
بۇخارى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سودا-سېتىق ئىشلىرىدا سېخى، مەرد ۋە ئاسانلىق يارىتىپ بەرگۈچى ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن رەھمەت تىلەپ دۇئا قىلدى. سېتىۋالغۇچىغا باھادا قاتتىقلىق قىلماسلىق، چېرايلىق، گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىش. بىر نەرسە سېتىۋالسا سېخى، مەرد ۋە ئاسان پۈتتۈرىدىغان بولۇش، بېخىللىق قىلماسلىق ۋە مالنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك. باشقىلاردىن ھەققىنى تەلەپ قىلسىمۇ سېخى، مەرد ۋە ئاسان پۈتتۈرىدىغان بولۇش، كەمبەغەللەرگە ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قاتتىقلىق قىلماسلىق، مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، قىيىنچىلىق بار كىشىگە مۆھلەت بېرىش.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى ئىنسانلارغا قەرز بېرىدىغان بولۇپ، قەرز سۈيلەيدىغان ۋاقىتتا خىزمەتچىلىرىگە: قىيىنچىلىق بار كىشى بولسا ئۆتىۋەتكىن، ئاللاھ تائالامۇ چوقۇم بىزدىن خاتالىقلىرىمىزنى ئۆتىۋېتىدۇ دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشقاندا ئاللاھمۇ ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئۆتىۋەتتى».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر بىلەن قەرز ۋە نېسى سودا مۇئامىلىسى قىلغان كىشى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. ئۇ كىشى خىزمەتچىلىرىنى كىشىلەردىن قەرزنى يېغىپ كېلىشكە ئەۋەتكەندە، ئۇلارغا مۇنداق دەيتتى: قەرز ئادا قىلىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا بارغىنىڭدا ئۇ كىشىدە كەمبەغەللىكتىن قەرز ئادا قىلغۇدەك بىر نەرسە بولمىسا، ئۇنى ئەپۇ قىلىۋەت، ياكى مەلۇم مۇددەت مۆھلەت بەرگىن، قەرزنى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرىۋالمىغىن. ياكى ئاز بولسىمۇ بەرگەننى ئىلىپ، قالغىنىنى ئۇ كىشى ئويلىغىنىدەك ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆتىۋېتىش ياكى بەزىسىنى بولسىمۇ ئەپۇ قىلىۋېتىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولۇپ كەتسە ئاللاھ ئۇ كىشىدىن خاتالىقلىرىنى ئۆتىۋېتىدۇ.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقسا، تاكى ئۇ قايتىپ كەلگۈچە ئاللاھ يولىدا بولغان بولىدۇ»
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن ياكى شەھرىدىن شەرئى ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن چىقسا، ئۇ كىشى ئۆز ئائىلىسىگە قايتىپ كىلىپ بولغىچە ئارىلىقتا ئاللاھ يولىدا جىھاد قېلىشقا چىققان كىشىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىمۇ دىننى گۈللەندۈرۈش، شەيتاننى خار قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى چارچاتقان مۇجاھىدقا ئوخشاشتۇر
ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرۈپ ئۇچراسسا، ئۆلگۈچى ۋە قاتىل ھەر ئىككىسى دوزاختا بولىدۇ» مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قاتىلغۇ دوزاخقا كىرسۇن، ئەمما ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ نېمە خاتالىقى بار؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈشكە ھېرىس بولغان» دېدى.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ئىككى مۇسۇلمان قىلىچ كۆتۈرۈپ ھەر بىرى يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ بىر-بىرى بىلەن ئۇچراسسا، قاتىل ئۆز ھامراھىنى بىۋاستە ئۆلتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن دوزاختا بولىدۇ. ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭمۇ دوزاخقا كېرىدىغانلىقى ساھابىلارغا بىر ئاز غەلىتە بېلىنىپ: ئۇ نېمە ئۈچۈن دوزاختا بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خەۋەر بېرىپ: ئۇ كىشىمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈشكە ھېرىسمەن بولغان بولۇپ، ئۇ بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەمراھىنى ئۆلتۈرەلمەي ئەكسىچە ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتتى دېدى.
ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر، ئىنسان نېمىنى نىيەت قىلسا شۇ بولىدۇ، بىر كىشى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى دەپ ھىجرەت قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ھىجرىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن بولىدۇ. بىر كىشى مال-دۇنياغا ئېرىشىش ياكى بىرەر گۈزەل ئايال بىلەن توي قىلىش مەقسىتىدە ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ھىجرىتى نىيەت قىلغان نەرسە ئۈچۈن بولىدۇ». بۇخارىينىڭ لەپزىدە: «ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ.» دەپ كەلگەن.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قانداق بىر ئەمەلنىڭ نىيەتكە كۆرە ئىتىبارغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ ئىبادەت، مۇئامىلات قاتارلىق ھەممە ئەمەللەردە شۇنداق بولىدۇ. كىمكى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بىلەن بىرەر مەنپەئەتنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە ساۋاپ بېرىلمەيدۇ لېكىن ئۇ كىشى مەقسەت قىلغان مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. كىمكى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى، ئاللاھقا يىقىنلىشىشنى مەقسەت قىلسا، گەرچە قىلغان ئەمىلى يىمەك-ئېچمەككە ئوخشاش ئادەتتىكى ئىشلاردىن بولسىمۇ نىيىتى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن كاتتا ئەجىر-ساۋاپقا نائىل بولىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نىيەتنىڭ كۆرۈنۈشتە ئەمەل بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەمەلگە كۆرسۈتىدىغان تەسىرىنى بايان قىلىپ بەردى، ۋە يەنە: بىر كىشى ئۆز ۋەتىنىنى تەرك قىلىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ھىجرىتى شەرىئەتتە قوبۇل قىلىنىدىغان ھىجرەت بولۇپ، نىيىتىدىكى سەمىمىيەتكە كۆرە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ. بىر كىشى دۇنيا مەنپەئەتىنى مەقسەت قىلىپ مال-دۇنيا، يۈز-ئابرۇي، تىجارەت ياكى توي قىلىشتىن ئىبارەت مەقسەتلەر بىلەن ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان ھىجرىتىدىن پەقەت مەقسەت قىلغان نەرسىگە ئېرىشىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ئۇ كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋاپتىن نەسىۋىسى بولمايدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ئاچچىقلانمىغىن» دېدى، ئۇ كىشى تەكرار تەلەپ قىلغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاچچىقلانمىغىن» دېدى.
بۇخارى رىۋايىتىساھابىلاردىن بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنى پايدىلىق بىر ئىشقا باشلاپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى ئاچچىقلانماسلىققا بۇيرىدى، بۇنىڭ مەنىسى: ئاچچىقلىنىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇش، ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىش، ئاچچىغى كىلىش بىلەنلا ئۇرۇشۇش، تىللىشىش، ھەتتا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئىشلارغا قەدەم باسماسلىقتىن ئىبارەت. ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تەكرار تەلەپ قىلدى، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە «ئاچچىقلانمىغىن» دېگەندىن باشقا سۆز قىلمىدى.
ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك سىلەرگىمۇ رىزىق بىرەتتى، قۇشلار ئەتتىگەندە ئاچ چېقىپ، كەچتە توق قايتىدۇ».
تىرمىزى،ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىمىزدىكى پايدىغا ئىگە بولۇش ۋە زىياندىن ساقلىنىشتا ئاللاھ تائالاغا تايىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ھەقىقى ئاتا قىلغۇچى، چەكلىگۈچى ۋە پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى پەقەت ئاللاھتۇر. ئاللاھ تائالاغا سەمىيمى تايىنىش بىلەن پايدىغا ئېرىشىش ۋە زىياندىن ساقلىنىشتا كېرەكلىك بولغان سەۋەپلەرنى قىلىمىز، بىز شۇ سەۋەپلەرنى قىلغاندا ئاللاھ تائالا بىزگە خۇددى ئەتتىگەندە ئاچ چېقىپ كېتىپ كەچتە قورسىقى توق قايتىپ كەلگەن قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك بىزلەرگىمۇ رىزىق بېرىدۇ، قۇشلارنىڭ ئەتتىگەندە چېقىپ كەچتە قايتىپ كېلىشى ھورۇنلۇق قىلماستىن ۋە تايىنىۋالماستىن رىزىق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنىڭ بىر تۈرىدۇر.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«بەندەم بىر گۇناھنى قىلىپ، ئاندىن: ئى ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا گۇناھ قىلىپ، ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا گۇناھ قىلىپ، ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، خالىغاننى قىلغىن، سېنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلدىم دەيدۇ»
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھسىسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىستە، بىر كىشى گۇناھ قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن: ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان رەببىنىڭ بارلىقى بىلدى دەپ، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقىنى يوشۇرىدۇ ۋە كەچۈرۋېتىدۇ ياكى ئۇنى جازالايدۇ ۋەياكى ئۇنى مەغپىرەت قىلدىم دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى يەنە قايتىدىن گۇناھ قىلىپ: ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى دەپ، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقىنى يوشۇرىدۇ ياكى كەچۈرىۋېتىدۇ، جازالايدۇ ياكى ئۇنى مەغپىرەت قىلدىم دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى يەنە قايتىدىن گۇناھ قىلىپ: ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى دەپ، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقىنى يوشۇرىدۇ، كەچۈرۋېتىدۇ ياكى جازالايدۇ، ياكى ئۇنى مەغپىرەت قىلدىم، بەندەم ھەر قېتىم گۇناھ قىلسا، تەۋبە قىلىپ، گۇناھنى تەرك قىلىپ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۇ گۇناھغا ھەرگىز قايتماسلىق ئىرادىسىگە كېلىدىكەن، لېكىن ئۇنىڭغا نەپسى خاھىشى غالىپ كېلىپ يەنە بىر قېتىم گۇناھ قىلىدىكەن، بەندەم داۋاملىق گۇناھ قىلىپ ئاندىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ تۇرىدىكەن مەن ئۇنى مەغپىرەت قىلىمەن، بەندەم خالىغىنىنى قىلسۇن، چۈنكى تەۋبە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خاتالىقلارنى يوق قىلىدۇ، دەيدۇ.