





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلىپ: «پەرۋەردىگارىم!، ماڭا ياردەم بەرگىن، زىيىنىمغا ياردەم بەرمىگىن، ماڭا مەدەت بەرگىن، زىيىنىمغا مەدەت بەرمىگىن، ماڭا تەدبىر بەرگىن، زىيىنىمغا تەدبىر بەرمىگىن، ماڭا ھىدايەت بەرگىن، ماڭا ھىدايەتنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن، ماڭا زۇلۇم قىلغۇچىغا قارشى ياردەم بەرگىن، ئى ئاللاھ! مېنى ساڭا شۈكۈر قىلغۇچى، زىكىر ئېيتقۇچى، سەندىن قورۇققۇچى، ساڭا بويسۇنغۇچى، ساڭا باش ئەگكۈچى، ساڭا قايتقۇچى قىلغىن، پەرۋەردىگارىم!، تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن، گۇناھىمنى يۇيغىن، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن، ھۆججىتىمنى مۇستەھكەم قىلغىن، دىلىمنى ھىدايەت قىلغىن، تىلىمنى توغرىلىغىن، دىلىمنىڭ قارىسىنى چېقىرىۋەتكىن» دەيتتى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلىپ مۇنداق دەيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ياردەم بەرگىن، يەنى: مېنى ساڭا زىكىر ئېيتىشقا، شۈكۈر قىلىشقا ۋە ئىبادەتلىرىنى ياخشى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، «مېنىڭ زىيىنىمغا ياردەم بەرمىگىن»، يەنى: ئىنسان، جىن ۋە شەيتانلاردىن مېنى ساڭا ئىتائەت قىلىشتىن چەكلەيدىغانلارنى ماڭا غەلىبە قىلدۇرمىغىن. «ماڭا مەدەت بەرگىن، مېنىڭ زىيىنىمغا مەدەت بەرمىگىن»، يەنى: كاپىرلارغا قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن، ئۇلارنى ماڭا غالىپ قىلمىغىن ياكى: نەپسىمگە غەلىبە قىلىشىمغا ياردەم بەرگىن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىم، مەن خاھىشىمغا ئەگىشىپ، ھىدايەتنى تاشلىماسلىقىم ئۈچۈن، مىنى يامانلىققا بۇيرىيدىغان نەپىسنىڭ ماڭا غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بەرمىگىن. «ماڭا تەدبىر بەرگىن، مېنىڭ زىيىنىمغا تەدبىر بەرمىگىن»، يەنى: ماڭا مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنى ئۇلار تۇيمىغان ھالەتتە مەغلۇب قىلىدىغان تەدبىر ئاتا قىلغىن، ماڭا ئۇنداق قىلمىغىن. تەدبىر قىلىش دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەرىكەت سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، ئاللاھ بۇ سۈپەت بىلەن كاپىرلارغا ۋە مۆمىنلەرگە ھىلە ئىشلىتىدىغانلارغا تەدبىر قىلغىنىغا ئوخشاش پەقەت مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇندىلا سۈپەتلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ سۈپەتنى ئۆزىگە ئىسپاتلىغانلىقى ئۈچۈن، بىزمۇ ئۇنى ئاللاھقە لايىق ھالەتتە ئىسپاتلايمىز، ئۇنىڭدىن بۇ سۈپەتنى ئىنكار قىلىش توغرا ئەمەس. «ماڭا ھىدايەت بەرگىن، ماڭا ھىدايەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن»، يەنى: مېنى ياخشىلىققا باشلىغىن، تائەت قېيىن تۇيۇلۇپ، ئىبادەتتىن قالماسلىقىم ئۈچۈن ھىدايەتكە ئەگىشىشنى ياكى ھىدايەتنىڭ يوللىرىنى ماڭا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن، «ماڭا زۇلۇم قىلغۇچىغا قارشى ياردەم بەرگىن»، يەنى: «ماڭا تاجاۋۇز قىلغان ۋە زۇلۇم قىلغان كىشىلەرگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن»، ئى ئاللاھ! مېنى نېمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلغۇچى، ھەممە ۋاقىت ساڭا زىكىر ئېيتقۇچى، قېيىنچىلىق-خۇرسەنلىكتە سەندىن قۇرۇققۇچى، تائەت-ئىبادەت بىلەن ساڭا بەك بويسۇنغۇچى، سەندىن ئەيمەنگۈچى، گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن ئىتائەت قىلىشقا قايتىپ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن قىلغىن، ئى پەرۋەردىگارىم! تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن، تەۋبىنىڭ ھەممە شەرتلىرى تولۇقلانغان، ئەدەپلىرى جۇغلانغان قىلغىن، چۈنكى ئۇنداق تەۋبە رەت قىلىنمايدۇ، گۇناھىمنى ئۆچۈرگىن، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن، ھۆججىتىمنى دۇنيادا دۈشمەنلىرىڭ ئۈستىدىن مۇستەھكەم قىلغىن ياكى دۇنيادا ۋە ئىككى پەرىشتىگە جاۋاپ بېرىدىغان ۋاقىتتا سۆزۈم ۋە تەسدىقىمنى مۇستەھكەم قىلغىن، دىلىمنى ھىدايەت قىلغىن، تىلىمنى توغرىلىغىن، يەنى: تىلىمنى راست سۆزلەيدىغانغا ۋە ھەقنى سۆزلەيدىغانغا توغرىلىغىن. «دىلىمنىڭ قارىسىنى چىقىرىۋەتكىن» يەنى: ئالداش، خىيانەت، ئۆچمەنلىك ۋە ھەسەتخورلۇق دېگەندەك ئىنساننىڭ كۆڭلىدە پەيدا بولۇپ، دىلىغا ئورناپ قالىدىغان نەرسىلەرنى چىقىرىۋەتكىن»دەيتتى
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن ئاسمانغا چىققان ۋاقتىمدا جىبرىئىلنىڭ يېنىدىن ئۆتتۈم، ئۇ پەرىشتىلەر ئىچىدە ئاللاھتىن قورققانلىقتىن كونا كىيىمدەك ھالدا تۇراتتى
ئىبنى ئەبى ئاسىم"سۈننە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تەبرانىي"مۆجەم كۇبرا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئىسرا ۋە مىئراجقا چىققان كۈنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئۇ ئاللاھتىن قاتتىق قورققانلىقتىن كونا كىيىمدەك نازۇك ھالدا تۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن، بۇ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، چۈنكى كىم ئاللاھنى ياخشى تونۇسا، ئاللاھتىن بەكرەك قورقىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى: مۇسۇلمانلار ئوھۇد كۈنى مەغلۇپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قويۇپ قېچىپ، مەدىنە يېنىدىكى تاغقا جايلاشقان يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ توختىدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى، شۇ ۋاقىتتا ھەنزەلە ئىبنى ئەبى ئامىر بىلەن ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب ئۇچرىشىپ قالدى، ھەنزەلە ئەبۇ سۇفياننى بېسىۋالغاندا شەدداد ئىبنى ئەسۋەد ئۇنى كۆرۈپ، ھەنزەلەگە قىلىچ ئۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈردى، ھەنزەلە ئەبۇ سۇفياننى ئۆلتۈرۈشكە ئاز قالغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەمراھىڭلار ھەنزەلەنى مالائىكىلەر يۇيىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئايالىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى، ئايالى: جەڭگە چاقىرىلغاندا، ئۇ ئۆيدىن جۇنۇپ ھالدا چىقىپ كەتكەن،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇ سەۋەبتىن ئۇنى مالائىكىلەر يۇدى» دېگەن
ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھاكىم "مۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانمۇسۇلمانلار ئۇھۇد كۈنى غەلبە قىلغان ئىدى، ئوقچىلار رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغاندىن كېيىن مەغلۇپ بولدى، بەزى كىشىلەر رەسۇلۇللاھنى قويۇپ قېچىپ، مەدىنە ئەتراپىدىكى يىزا-قىشلاقلارغا بېرىپ توختىغاندىن كىيىن، يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى، شۇ ۋاقىتتا ھەنزەلە ئىبنى ئەبى ئامىر بىلەن مۇشرىكلارنىڭ كاتتىۋېشى ئەبۇ سۇفيان جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشىپ قالدى، ھەنزەلە ئەبۇ سۇفياننى بېسىۋىلىپ، ئۆلتۈرۈشكە ئاز قالغاندا شەدداد ئىبنى ئەسۋەد كۆرۈپ، ھەنزەلەگە قىلىچ ئۇرۇپ ئۇنى شېھىت قىلدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلارغا: ھەنزەلەنى مالائىكىلەر يۇيۇۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر قىلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئايالىدىن سوراپ بېقىشقا بۇيرىدى، ئايالى ئۇلارغا: جەڭگە چاقىرىلغاندا، ئۇ ئۆيدىن جۇنۇپ ھالدا چىقىپ كەتكەن،- دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: ئۇ جۇنۇپ ھالەتتە شەھىد قىلىنغانلىقى ئۈچۈن پەرىشتىلەر ئۇنى يۇيغانلىقىنى خەۋەر بەردى
ئۇبەي ئىبنى كەئىب بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى سۇ بىلەن تاق يۇدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن لەھەد كولاپ: بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىچىدىكى سۈننىتى،- دېيىشتى»
ھاكىم "مۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تەبرانىي"مۆجەم كۇبرا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئادەم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى سۇ بىلەن تاق يۇدى، يەنى: بىر قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم يۇدى، قەبرە ئورىكىنىڭ يان تەرىپىنى كولاپ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى شۇ يەرگە دەپنە قىلىپ: «بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىچىدىكى سۈننىتى» دېيىشتى، يەنى: ئادەم ئەۋلادى دادىسىغا ئوخشاش يۇقارقى شەكىلدە يۇيۇپ دەپنە قىلىنىدۇ، بۇنى ئادەم ئەۋلادىدىن پەقەت توغرا يول تۇتقانلارلا داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۇسەيد ئىبنى ھۇدەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچىسى خورما قۇرىتىدىغان جايدا قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئېتى ئۈركۈپ كەتتى، يەنە ئۇقۇسا ئېتى يەنە ئۈركىدى، يەنە ئوقۇسا يەنە ئۈركىدى، ئۇ: «ئاتنىڭ ئوغلۇم يەھيانى دەسسىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاتنىڭ يېنىغا باردىم، قارىسام بېشىمنىڭ ئۈستىدە چىراققا ئوخشاش بۇلۇتلار تۇرۇپتۇ، ئۇ بۇلۇتلار يۇقىرىغا ئۆرلەپ كەتتى، كىيىن كۆرەلمىدىم، ئەتتىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ: >ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن تۈنۈگۈن كېچە خورمۇلۇقتا قۇرئان ئوقۇۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئېتىم ئۈركۈپ كەتتى» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىبنى ھۇدەير! ئوقۇ» دېدى، مەن «ئوقۇدۇم، ئېتىم ئۈركۈپ كەتتى» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىبنى ھۇدەير! ئوقۇ» دېدى، مەن «ئوقۇدۇم، ئېتىم ئۈركۈپ كەتتى» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىبنى ھۇدەير! ئوقۇ» دېدى، ئۇ: «مەن ئاتنىڭ ئوغلۇم يەھيانى دەسسىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاتنىڭ يېنىغا باردىم، قارىسام بېشىمنىڭ ئۈستىدە چىراققا ئوخشاش بۇلۇتلار تۇرۇپتۇ، ئۇ بۇلۇتلار يۇقىرىغا ئۆرلەپ كەتتى، كىيىن كۆرەلمىدىم» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاشۇ پەرىشتىلەر سېنى تىڭشاۋاتقان ئىدى، ئەگەر سەن ئوقىۋەرگەن بولساڭ تاڭ يورىغاندا ئۇلارنى كىشىلەر ئوچۇق كۆرەتتى» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئۇسەيد ئىبنى ھۇدەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچىسى خورما قۇرۇتۇپ ساقلايدىغان جايدا قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى، ئېتى يېنىغا باغلاقلىق بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا ئوغلى يەھيا ئۇخلاۋاتاتتى، ئۇ قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا ئېتى تۇيۇقسىز ئۈركۈپ كەتتى، قۇرئان ئوقۇشتىن توختىسا ئېتىمۇ جىم تۇردى، قۇرئان ئوقۇشنى يەنە داۋاملاشتۇرىۋىدى، ئېتى يەنە ئۈركۈپ تۇرالمىدى، بۇ ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى، ئۇسەيد ئېتىنىڭ ئوغلىنى دەسسىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ قۇرئان ئوقۇشنى توختاتتى ۋە ئاتنىڭ ئۈركۈپ تۇرالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن ئاتنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، ئۈستى تەرەپتە ئارىسىدا چىراقلاردەك نەرسىلەر بولغان بۇلۇتتەك نەرسىنى كۆردى، ئۇ نەرسە ئاسمانغا ئۆرلەپ چېقىپ كېتىپ، كىيىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى، ئۇسەيد ئەتتىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ كىچىدە بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بىئاراملىقىنى تۈگىتىپ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى بىلدۈرۈپ، كۆڭلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى كۈچەيتىپ: «ئىبنى ھۇدەير!ئوقۇغىن» دەپ ئۈچ قېتىم تەكىتلىدى، يەنى: مۇشۇنداق ئاجايىپ ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغىن، بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە ھەرگىزمۇ ئوقۇشنى توختاتمىغىن، بەلكى بۇنىڭ پەزىلىتىنىڭ كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغىن دېدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئىشنىڭ سەۋەبىدىن خەۋەر بېرىپ: «ئاشۇ كۆرۈنگەن چىراقتەك نۇرلار قۇرئان تىڭشاۋاتقان پەرىشتىلەر، ئەگەر سەن قۇرئان ئوقۇشنى تاڭ يورىغۇچە داۋاملاشتۇرغان بولساڭ ئەتتىگەندە كىشىلەر پەرىشتىلەرنى ئوچۇق كۆرەتتى» دېدى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەدىر كۈنىدە: «بۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇرۇش كىيىمىنى كېيىپ، ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ جەڭگە ھازىر بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ تېمىسى: پەرىشتىلەرنىڭ بەدىر ئۇرۇشىدا جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇرۇشقا ھازىر بولغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ، ئۆزىنىڭ بەدىر كۈنىدە، جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنى مۆمىنلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش كىيىمى كىيىپ، ئاتقا مېنىپ ھازىر بولغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن مەدەت ۋە ياردەم شۇنداقلا ساھابىلارنى كۈچلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غازاتلارنىڭ بىرىگە چىقىپ، قايىتقىنىدا بىر قارا چۆرە كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ سېلىنى ئامان-ئېسەن قايتۇرسا، ئالدىلىرىدا داپ چېلىپ، ناخشا ئېيتىشقا نەزىر قىلغان ئىدىم،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «نەزىر قىلغان بولساڭ مەيلى چالغىن، بولمىسا چالمىغىن» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ داپ چېلىشقا باشلىدى، ئەبۇ بەكرى كىرسە، ئۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئەلى كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئوسمان كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئۆمەر كىرگەن ئىدى، ئۇ داپنى ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرۇۋالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شەيتان ھەقىقەتەن سەندىن قورقىدۇ، ئى ئۆمەر!، مەن ئولتۇرسام، بۇ قىز داپ چېلىشقا باشلىدى، ئەبۇ بەكرى كىرسە چېلىۋەردى، ئەلى كىرسىمۇ چېلىۋەردى، ئوسمان كىرسىمۇ چېلىۋەردى، سەن كىرىۋىدىڭ ئى ئۆمەر! ئۇ داپنى تاشلىۋەتتى» دېدى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەلۇم بىر جەڭدىن غەلىبە بىلەن، سالامەت قايتىپ كەلگەندە، بىر قارا چۆرە يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەگەر ئاللاھ سىلىنى سالامەت ۋە غەلىبىلىك قايتۇرۇپ كەلسە، ھوزورلىرىدا داپ چېلىپ، ناخشا ئېيتىشقا نەزىر قىلغان ئىدىم،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نەزىر قىلغان بولساڭ، نەزىرەڭگە ۋاپا قىلغىن، ئەگەر نەزىر قىلمىغان بولساڭ ئۇنداق قىلمىغىن» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ داپ چېلىشقا باشلىدى، ئەبۇ بەكرى كىرگەندە، ئۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئەلى كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئوسمان كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئۆمەر كىرگەن ئىدى، ئۇنىڭدىن قورقۇپ ۋە ئەيمىنىپ، يوشۇرۇش ئۈچۈن داپنى ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرۇۋالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئۆمەر! شەيتان ھەقىقەتەن سەندىن قورقىدۇ، مەن ئولتۇرسام، بۇ قىز داپ چېلىۋاتاتتى، ئەبۇ بەكرى كىرسە، چېلىۋەردى، ئەلى كىرسىمۇ چېلىۋەردى، ئوسمان كىرسىمۇ چېلىۋەردى، سەن كىرىۋىدىڭ، داپنى ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرۇۋالدى» دېدى. چالغۇ-ئەسۋابلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكى بارلىق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن ئىش بولۇپ، بۇ ھەقتە كۆپ ئايەت-ھەدىسلەر كەلگەن. تويلار، ھېيت-بايراملاردەك ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ۋە بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ھۆرمەتلىك، ئۇتۇقلۇق كىشى كەلگەندە داپ چېلىش يۇقىرىقى ھۆكۈمدىن مۇستەسنادۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسا ھەقىقەتەن ئىنتايىن ھايالىق، ھايا قىلغانلىقىدىن بەدىنىنىڭ ھېچ يىرى كۆرۈنمىگۈدەك ھالدا ياپىدىغان كىشى ئىدى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىن ئۇنىڭغا ئازار بەرگەنلەر شۇ سەۋەپتىن ئازار بەردى»، ئۇلار: ئۇ ئاق كېسەل ياكى يەل پوداقلىق ياكى تىرىسىنىڭ بىر ئەيىپى بولغاچقىلا مۇشۇنداق يىپىنىدۇ،-دەپ سۆز تارقىتىشتى، ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ پىتنىسىدىن پاكلاشنى ئىرادە قىلدى. بىر كۈنى مۇسا ئەلەيھىسسالام يالغۇز كىلىپ، كىيىمىنى سىلىپ بىر تاشنىڭ ئۈستىدە قويۇپ يۇيۇندى، يۇيۇنۇپ بولۇپ كىيىمنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندە، تاش ئۇنىڭ كىيىمى بىلەن دومىلىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسىنى ئېلىپ: «ھەي تاش! كىيىمىم، ھەي تاش! كىيىمىم» دەپ تاشنى قوغلاپ، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان بىر جامائەتنىڭ يېنىغا كىلىپ قالدى، ئۇلار ئۇنى ئاللاھ ياراتقان ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يالىڭاچ كۆرۈشتى، ئاللاھ ئۇنى ئۇلارنىڭ سۆز چۆچىكىدىن ئاقلىدى، تاش توختىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام دەرھال كىيىمىنى ئېلىپ كىيىپ، تاشنى ھاسىسى بىلەن ئۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، تاشتا ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۇرغان ئىزىدىن ئۈچ ياكى تۆت ياكى بەش ئىز بار، ئاشۇ ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىدۇر: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى». سۈرە ئەھزاب 69-ئايەت
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام بەك ھايالىق كىشى بولۇپ، ھايا قىلغانلىقتىن بەدىنىدىن بىرەر يېرىنى بىرەرسىگە كۆرسەتمەي ئوراپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ بەزىسى ئۇنىڭغا ئازار بېرىپ: ئۇ ياكى تېرىسىدە ئاق كىسەل ياكى يەل پوداقلىق ياكى بىرەر ئەيىپ ياكى كېسەل بولغاچقا مۇشۇنداق ئورۇنۇپ يۈرۈيدۇ،- دەپ سۆز-چۆچەك قىلىشتى. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى كىشىلەرنىڭ بۇ پىتنىسىدىن ئاقلاشنى ئىرادە قىلدى. بىر كۈنى مۇسا ئەلەيھىسسالام يالغۇز كېلىپ، كىيىملىرىنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە قويۇپ يۇيۇندى، يۇيۇنۇپ بولۇپ كىيىمنى ئېلىش ئۈچۈن تاشنىڭ يېنىقا كەلگەندە تاشنىڭ كېيىمىنى بىلەن دومىلاپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسىنى ئېلىپ، يالىڭاچ ھالەتتە تاشنىڭ كەينىدىن: ھەي تاش! كېيىمىمنى قايتۇرۇپ بەرگىن، دەپ توۋلاپ يۈگۈرۈپ، ھەتتا ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتتى، ئۇلار ئۇنى يالىڭاچ ھالىتىدە ئاللاھ ياراتقان ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە كۆرۈپ، ئۇنىڭدا كېسەلمۇ ۋە ئەيىپمۇ يوقلىقىنى بىلىشتى، ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىدىن پاكلىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام تاشقا يىتىشىۋىلىپ، دەرھال كىيىمىنى ئېلىپ كەيدى ۋە تاشنى ھاسىسى بىلەن ئۇرۇپ كەتتى. تاشتا ھەقىقەتەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇشىدىن قىلىپ قالغان ئۈچ ياكى تۆت ياكى بەشچە ئېزلار بار. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن بۇ ئازار توغرىسىدا نازىل بولغان: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى»، سۈرە ئەھزاب 69-ئايەت. يەنى: سىلەر ئىسرائىل ئەۋلادلىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئازار بەرگەندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئازار بېرىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزىدىن پاكلىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئابرۇيلۇق ۋە مەرتىۋىلىك كىشى ئىدى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «بىرەر بەندە مېنى يۇنۇس ئىبنى مەتتادىن ياخشى دېسە بولمايدۇ» دەپ، ئۇنى ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن تىلغا ئالغانلىقىنى رىۋايەت قىلدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبىرەرسىنىڭ رەسۇلۇللاھنى يۇنۇس ئىبنى مەتتادىن ئەۋزەل دېيىشى توغرا بولمايدۇ، مەتتا بەزى كىشىلەر گۇمان قىلغاندەك يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئاتىسى يۇنس ئىبنى مەتتا ئىنسانلارنى زۇلمەتلەردىن چىقىرىش ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نۇر ئېلىپ كەلگەن ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن ئېسىل بىر پەيغەمبەردۇر. رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزنى كەمتەرلىك يۈزسىدىن دېگەن، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى ئىكەنلىكى مەلۇم ياكى بۇ سۆزنى ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن ئىلگىرى دېگەن. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئۇنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكى كىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پەزىلىتىنى ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە تىلغا ئالغان. سۇدى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى ئىبنى مەسئۇد ۋە باشقىلاردىن مۇنداق رىۋايەت قىلدى: ئاللاھ يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى نەيناۋا - ئىراقنىڭ موسىل شەھىرىگە توغرا كېلىدۇ - ئاھالىسىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، ئۇلار ئۇنى يالغانغا چىقاردى، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى مۇئەييەن ۋاقىتتا ئازاب چۈشىدىغانلىق بىلەن ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن غەزەپلىنىپ چىقىپ كەتتى، ئۇلار ئازابنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرگەندە ئاللاھقا يىلىنىپ يالۋۇرۇپ، ئىمان ئېيتىشتى، ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم قىلىپ، ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرىۋەتتى. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام كىتىپ، بىر كىمىگە چۈشتى، كىمە چۆكۈپ كەتكىلى تۇرغاندا ئۇلار دېڭىزغا تاشلايدىغان كىشى ئۈچۈن چەك تاشلاشتى، چەك ئۈچ قېتىم يۇنۇس ئەلەيھىسسالامغا چىققاندىن كىيىن، ئۇلار يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى دېڭىزغا تاشلىدى، بىر كىت يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى يۇتىۋەتتى، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم! سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، سەن پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم، دەپ نىدا قىلدى»، ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئايىنى ئىجابەت قىلىپ، كىتكە ئۇنى دېڭىز ساھىلىغا تاشلاشقا بۇيرىدى ۋە ئۇنىڭغا سايە تاشلاپ تۇرۇشى ئۈچۈن بىر كاۋا دەرىخىنى ئۆستۈرۈپ بەردى