





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلىغى قاياققا قاراپ ماڭسا شۇ تەرەپكە قاراپ ئۇلىغىنىڭ ئۈستىدە نەپلە نامىزىنى ئوقۇيتتى، دېگەن. ئىبنى ئۆمەرمۇ شۇنداق قىلاتتى. يەنە بىر ھەدىستە: ئۇلۇغى ئۈستىدە ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇيتتى، دەپ كەلگەن. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە لېكىن ئۇلاغ ئۈستىدە پەرز ناماز ئوقۇمايتتى، دەپ كەلگەن. بۇخارى رىۋايىتىدە پەرزدىن باشقا نامازنى ئوقۇيتتى، دېگەن
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىبلە تەرەپ بولمىسىمۇ ئۇلۇغى قاياققا قاراپ ماڭسا شۇ تەرەپكە قاراپ ئۇلاغ ئۈستىدە پەقەت نەپلە نامازنىلا ئوقۇيتتى، رۇكۇ ۋە سەجدىلەردە بېشى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، رۇكۇ، سەجدە قىلىش، قىبلىگە يۈزلىنىش ئۈچۈن يەرگە چۈشۈپ ئولتۇرمايتتى، مەيلى ئۇ نەپلە، پەرز نامازنىڭ سۈننەتلىرى بولسۇن ياكى سەۋەبلىك نەپلە نامازلار بولسۇن ياكى قانداق بىر نەپلە ناماز بولسا بولسۇن، ئۇنى ئۇلاغ ئۈستىدە ئوقۇسا بولىدۇ، يەنە رەسۇلۇللاھ ۋىتىر نامىزىنىمۇ ئۇلاغ ئۈستىدە ئوقۇيتتى، ئەمما پەرز نامازلارنى ئوقۇمايتتى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىگە ئەۋەتىدىغان تۆگىلىرىگە ئاسىدىغان بويانچۇقلارنى ئېشىپ، بەلگە قىلىپ، ئۇنى ئېسىپ قوياتتىم، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كەبىگە ئەۋەتىۋىتىپ، ئۆزى مەدىنىدە تۇرغىنىدا، ئېھراملىق كىشىلەرگە چەكلىنىدىغان نەرسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چەكلەنمەيتتى، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەيتۇللاھنى ئۇلۇغلايتتى ۋە ھۆرمەت قىلاتتى، ئۆزى كىلەلمىسە ئۇنى ئۇلۇغلاپ، شۇ يەردە تۇرىۋاتقانلارغا كەڭىرچىلىك يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، قۇربانلىق چارۋىلارنى ئەۋەتەتتى، قۇربانلىق مالنى ئەۋەتسە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بەيتۇللاھغا ئەۋەتىلگەن مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە يامانلىق يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بەلگە سېلىپ بىر نەرسە ئېسىپ قوياتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ خەۋەرنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ ئۇلاغنىڭ بويانچۇقلىرىنى ئېشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى مەدىنىدە تۇرۇپ قۇربانلىق چارۋىلارنى بەيتۇللاھغا ئەۋەتسە، ئېھراملىق كىشىلەر ساقلىنىدىغان خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش، ئاياللارغا يېقىنلىشىش، تىكىلگەن نەرسىلەرنى كىيىشتەك ئىشلاردىن چەكلەنمەيتتى، بەلكى ھەممە نەرسە بۇرۇنقىدەك ھالال بولاتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەئبىگە كىردى، كەينىدىن ئۇسامە ئىبنى زەيىد، بىلال، ئوسمان ئىبنى تەلھەلەر كىرىپ ئىشىكنى تاقىدى، بىر ئازدىن كېيىن ئىشىكنى ئاچقاندا مەن تۇنجى بولۇپ كىردىم-دە بىلالنى ئۇچراتتىم، ئۇنىڭدىن سورۇدۇم: رەسۇلۇللاھ كەئبە ئىچىدە ناماز ئوقىدىمۇ؟ دېگىنىمدە، ئۇ ھە-ئە، يەمەن تەرەپتىكى ئىككى تۈرۈك ئارىسىدا ئوقىدى، دەپ جاۋاب بەردى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە مەككىنى پەتھى قىلىپ، بۇت ۋە ھەيكەل، سۈرەتلەردىن پاكلاپ بەرگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ ئىككى خىزمەتكارى بىلال، ئۇسامە، كەئبىنىڭ ساقلىغۇچىسى، ئوسمان ئىبنى تەلھەلەر كەئبىگە كىردى. باشقىلار رەسۇلۇللاھنىڭ قىلغان ئىبادىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلارمۇ كىرىپ بېسىق قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىشىكنى تاقىدى. ئەگەردە ئۇلارمۇ كىرسە ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى پەرۋەرىگارىغا ئىبادەت قىلىشتىن، نىېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قوياتتى. ئۇلار ئۇزۇن تۇرمايلا ئىشىكنى ئاچتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى ئىزدەپ-سوراپ قىلىشقا بەك ھىرىسمەن ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشىك ئېچىلغاندىلا بىلالدىن سورىدى، ئۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر يەردە ناماز ئوقىدىمۇ؟ دەپ سورىغاندا، بىلال: ھەئە ئىككى تۈۋرۈك ئارىسىدا ناماز ئوقىدى، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ۋاقىتتا كەئبىدە ئالتە تۈۋرۈك بار ئىدى، ئۈچ تۈۋرۈكنى كەينىدە قويۇپ ئىككى تۈۋرۈكنى ئوڭ يېنىدا بىرىنى سول يېنىدا تام بىلەن ئارلىقىنى ئۈچ گەز قويۇپ ئىككى رەكىئەت ناماز ئوقۇدى، تۆرت بۇلىڭىدا دۇئا قىلدى، دېگەن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق تۆگە ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆرۈپ: «ئۇنىڭغا مىنىۋال!» دېدى، ئۇ ئادەم: بۇ قۇربانلىق تۆگە،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا مىنىۋال!» دېدى، ئۇنىڭ تۆگىگە مېنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە كىتىۋاتقىنىنى كۆردۈم. يەنە بىر رىۋايەتتە ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى قېتىمدا: «ئېسىت ساڭا!» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ قۇربانلىق تۆگىنى مېنىشكە ئېھتىياجلىق تۇرۇپ، ھەيدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «تۆگەڭگە مىنىۋالغىن» دېدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بەيتۇللاھقا ھەدىيە قىلىنغان تۆگە ئۇلۇغ، چېقىلىشقا بولمايدىغان بولغاچقا، بۇ ساھابە ئۇنىڭ بەيتۇللاھقا ھەدىيە قىلىنغان تۆگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ سۈرۈشتۈردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۆگە گەرچە بەيتۇللاھقا ئاتالغان ھەدىيە بولسىمۇ، ئۇنىڭغا مىنىۋالغىن» دېدى، ئۇ كىشى ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىم قايتىلىغاندا، گەرچە ھەدىيە بولسىمۇ، ئۇنىڭغا مىنىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن:«ئۇنىڭغا مىنىۋال» دېدى، ئۇ كىشى تۆگىگە مىندى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە خۇتبىسى ئوقۇۋاتقاندا قازىخانا تەرەپتىكى ئىشىكتىن مەسچىتكە كىرىپ، ئۆرە تۇرغان پېتى رەسۇلۇللاھقا قاراپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! چارۋىلار ئۆلۈپ كەتكىلى تۇردى، يوللار ئۈزۈلدى، دۇئا قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن بىزگە سۇ تەلەپ قىلسىلا] دېدى. رەسۇلۇللاھ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن!، ئى ئاللاھ ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن!، ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن!، دېدى. ئەنەس دەيدۇ: ئۇ چاغدا، ئاسماندا بۇلۇتنىڭ ئەسىرىمۇ يوق ئىدى. «سەلئى» تېغى بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۆيمۇ يوق ئىدى، «سەلئى» تېغىنىڭ ئارقىسىدىن قالقانغا ئوخشاش بۇلۇت چىقىپ كەلدى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە ئەتراپقا تاراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، ئەنەس: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز تولۇق بىر ھەپتە كۈننى كۆرمىدۇق» دېدى. كىيىنكى جۈمە كۈنى بىر كىشى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەردە خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا: «ئى رەسۇلۇللاھ! چارۋىلار ئۆلۈپ كەتكىلى تۇردى، يوللار ئۈزۈلۈپ قالدى، ئاللاھقا دۇئا قىلغان بولساڭ، يامغۇرنى توختاتسا» دېدى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! يامغۇرنى بىزنىڭ ئەتراپىمىزغا ياغدۇرغىن، ئۈستىمىزگە ياغدۇرمىغىن، ئى ئاللاھ! تاغ-تۆپىلىكلەرگە، جىلغىلارغا ۋە ئورمانلارغا ياغدۇرغىن» دەپ دۇئا قىلدى. ھاۋا ئېچىلىپ، بىز كۈن نۇرى ئاستىدا يۈردۇق. شۇرەيك: مەن ئەنەستىن: دەسلەپتە كىرگەن كىشى شۇمۇ؟ دېسەم، ئۇ: بىلمەيمەن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە خۇتبىسى ئوقۇۋاتقاندا بىر كىشى مەسچىتكە كىردى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قاراپ، ئۇنى چاقىرىپ، يامغۇر ياغماي، زېمىن قۇرۇپ كەتكەنلىكنى، ئوت-چۆپلەرنىڭ يوقلۇقىدىن چارۋىلار ئۆلۈپ، يوللار ئۈزۈلۈپ، سەپەر قىلىدىغان، يۈك ئارتىدىغان تۆگىلەرنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھدىن بۇ قىيىنچىلىقنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، رەسۇلۇللاھ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن! دەپ ئۈچ قېتىم تەكرار دېدى، ئادەتتە رەسۇلۇللاھ دۇئا قىلغاندا ۋە مۇھىم بىر ئىشنى تەكىتلىگەندە ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى. ئۇلار ئۇ چاغدا ئاسماندا بۇلۇتنىڭ ياكى چاڭ-تۇزاڭنىڭ ئەسىرىنىمۇ كۆرمىگەن ئىدى، بىراق رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسىنىڭ تەسىرىدە سەلئى تېغىنىڭ ئارقىدىن كىچىك بىر بۇلۇت پەيدا بولۇپ ئېگىزگە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە كىڭىيىپ، ئەتراپقا تاراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، يامغۇر يەتتە كۈن داۋاملاشتى. كىيىنكى جۈمە كۈنى بىر كىشى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا كىرىپ كەلدى ۋە يامغۇرنىڭ ئىزچىل يېغىشى بىلەن چارۋىلار يايلاققا چىقالمىغانلىقتىن ئاچ قالغانلىقىنى، كىشىلەرمۇ تىرىكچىلىك يولىدا سەپەر قىلالماي سولۇنۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلىپ يامغۇرنى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قېيىنچىلىق بولماسلىقى ئۈچۈن، چارۋىلار يايلاققا نۇرمال بېرىشى ئۈچۈن يامغۇرنى تاغ، تۆپىلىك، جىلغا، ئېكىنزارلىقلارغا ياغدۇرغىن! مەدىنىگە ئەمەس ئۇنىڭ ئەتراپىغا ياغدۇرغىن» دەپ دۇئا قىلدى. يامغۇر توختاپ، ئۇلار مەسچىتتىن چىققاندا يامغۇرسىز يۈردى
بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىزىنى كۆزەتتىم. ئۇنىڭ قىيامدا تۇرۇشىنى، ئاندىن رۇكۇ قىلىشىنى، ئاندىن رۇكۇدىن تىك تۇرۇشىنى، ئاندىن سەجدە قىلىشىنى، ئاندىن ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرۇشىنى، ئاندىن يەنە سەجدە قىلىشىنى، ئاندىن سالام بېرىپ بولۇپ قوپۇپ كېتىش ئارىلىقىنى، ناھايىتى يىقىن ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. يەنە بىر رىۋايەتتە: قىيامدا تۇرۇش بىلەن تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشتىن باشقىسى، باراۋەر كەلگىلى ئاز قالغاندەك كۆردۈم
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنى سۈپەتلەپ، ئۇنىڭ قانداق ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن، ئىنچىكە كۆزىتىپ تۇرغان ئىدى. ئۇ: رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنىڭ ھەرىكەتلىرى بىر - بىرىگە مۇناسىپ ھالدا باراۋەر كېلەتتى؛ ئۇنىڭ قىرائەت ئۈچۈن قىيامدا تۇرۇشى بىلەن تەشەھھۇد ئۇقۇش ئۈچۈن ئولتۇرۇشى، رۇكۇ ۋە ئۇنىڭدىن رۇسلىنىش ۋە سەجدىگە مۇناسىپ ھالدا بولاتتى، مەسىلەن قىيامدا تۇرۇشنى ئۇزارتىپ رۇكۇغا يەڭگىل قىلىپ قويمايتتى. ياكى سەجدىنى ئۇزارتىپ ئاندىن قىيامنى ياكى ئولتۇرۇشنى قىسقارتىپ قويمايتتى. بەلكى نامازنىڭ ھەربىر رۇكنىنى يەنە بىر رۇكنىغا مۇناسىپ كەلتۈرۈپ قىلاتتى. بۇنىڭ مەناسى، قىيامدا تۇرۇش ۋە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش، رۇكۇ ۋە سەجدە مىقدارىدا بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى بىرىنى يەڭگىللىتىپ يەنە بىرىنى ئېغىر قىلىپ قويمايدۇ، دېگەنلىكتۇر
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم ئەرافاتتا تۇرۇۋاتقاندا تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، «ياكى تۆگىسى ئۇنى دەسسىۋېتىپ» بوينى سۇنۇپ ئۆلۈپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇ ئادەمنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇپ، ئىككى پارچە رەخت بىلەن كېپەنلەڭلار، ئۇنىڭغا ھەنۇت«خۇشبۇي» ئىشلەتمەڭلار، بېشىنى ياپماڭلار، چۈنكى ئۇ ئادەم قىيامەت كۈنى تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە قەبرىدىن تۇرىدۇ، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانساھابىلەردىن بىرى رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەج قىلىپ ئەرەپاتتا تۇرۇۋاتقاندا تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشتى ۋە بوينى سۇنۇپ كېتىپ ئۆلۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلەرنى ئادەتتىكى مېيىتنى يۇغاندەك سۇ ۋە سىدىر بىلەن ئۇنى يۇيۇشقا ، ئىھرام باغلىغان ئىككى رەخ بىلەن كىپەنلەشكە بۇيرىدى. ئۇ كىشى ھەجگە ئىھرام باغلىغانلىقتىن ئىبادەت قىلغان شۇ ھالىتى بىلەن قېلىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا خۇش پۇراق ئىشلىتىشتىن ۋە بېشىنى يېپىپ قويۇشتىن توستى. ئۇلارغا بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ، ئۇ كىشى قانداق ئۆلگەن بولسا شۇ ھالىتىدە تىرىلىدۇ، يەنى ھەجنىڭ شۇئارى بولغان تەلبىيە ئېيتقان ھالدا قەبرىسىدىن تۇرىدۇ، دېدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتكە كىرگەن ئىدى، كەينىدىن بىر ئادەم كىرىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ سالام قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: نامازنى قايتا ئوقۇغىن، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ بېرىپ ئاۋالقىدەكلا ناماز ئوقۇپ كېلىپ رەسۇلۇللاھقا سالام قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ: بېرىپ نامازنى قايتا ئوقۇ، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن ھېلىقى ئادەم: سىلىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى مەن بۇنىڭدىن ياخشىراق ئوقۇيالمايمەن ماڭا ئۈگۈتۈپ قويسىلا، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: نامازغا تۇرغىنىڭدا تەكبىر ئېيىت، ئاندىن قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغىنىنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇغا بېرىپ رۇكۇدا تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس تۇرغىن، ئاندىن سەجدە قىلىپ، سەجدىدە تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس ئۆلتۈرغىن، پۈتۈن نامىزىڭدا مۇشۇنداق قىلغىن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتكە كىردى، كەينىدىن ساھابىلەردىن خەللاد ئىبنى راپىئ ئىسىملىك بىر ساھابە كىرىپ تىز ھەم كەمتۈك بىر ناماز ئوقۇدى. نامازدىن بىكار بولغاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىلىپ سالام قىلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ سالامىغا جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: قايتىپ بېرىپ ناماز ئوقۇغىن، سەن بايا ناماز ئوقۇمىدىڭ، دېدى. ئۇ كىشى بېرىپ ئاۋۋال قانداق ئوقۇغان بولسا، بۇ قېتىممۇ شۇ پەدىدە ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: قايتىپ بېرىپ ناماز ئوقۇغىن، سەن بايا ناماز ئوقۇمىدىڭ، دەپ بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى. ئۈچىنچى قېتىمدا بۇ كىشى قەسەم قىلىپ: سىلىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى «ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالا» مەن بۇنىڭدىن ياخشى ئوقۇياممايمەن، ماڭا ئۈگۈتۈپ قويسىلا، دېدى. بۇ كىشىنىڭ ئىلىمگە ھېرىسمەنلىكى ۋە ئىچ-ئىچىدىن ئۈگۈنۈش ئېستىكىنىڭ بارلىقى، تەلىمنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىقى، تەكرار قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ كېيىن ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقى نامايەن بولدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىلەرنى ئۈگەتتى: سەن نامازغا تۇرغىنىڭدا باشلاش تەكبىرىنى ئېيىت، ئاندىن پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغىنىنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇغا بېرىپ رۇكۇدا تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس، تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن سەجدە قىلىپ، سەجدىدە تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس ئۆلتۇرغىن، پۈتۈن نامىزىڭدا مۇشۇنداق قىلغىن، دېدى. باشلاش تەكبىرىدىن باشقا ھەر قېتىملىق تەكبىرلەردە شۇنداق قىلىنىدۇ، چۈنكى باشلاش تەكبىرى بىرىنچى رەكەتتە. ئاز دېگەندە سۈرە پاتىھەنى ئوقۇشنىڭ ۋاجىپلىقى باشقا ھەدىسلەردىمۇ بايان قىلىنىدۇ
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم ئوھۇد كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئەگەر مەن ئۆلتۈرۈلسەم نەدە بولىمەن؟ دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: جەننەتە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم قولىدىكى بىر قانچە تال خورمىنى تاشلىۋەتتى ۋە «جەڭ مەيدانىغا كىرىپ» قاتتىق ئېلىشىپ ئاخىرى شېھىت بولدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانجابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بىرىپ، ئۇمەيىر ئىبنى ھۇمام ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇھۇد كۈنى مۇنداق دېدى: ئى رەسۇلۇللاھ مەن جەڭ قىلىپ ئۆلۈپ كەتسەم قانداق بولىمەن؟ دېدى. يەنى مۇشرىكلارغا قارشى جىھاد قىلىپ بۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسەم مېنىڭ ئاقىۋىتىم قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: سەن جەننەتتە بولىسەن، دېگەن ئىدى. ئۇ كىشى قولىدىكى يەۋاتقان خورمىنى تاشلىۋېتىپ: بۇ خورمىلارنى يەپ بولغۇچە ئۇزۇن ياشىغۇدەكمەن. دېگىنىچە جەڭ مەيدانىغا كىرىپ كەتتى ۋە شۇ جەڭدە شېھىت بولدى