





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم: «ھەقىقەتەن ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەلمەيدىغان شۈبھىلىك ئىشلار بار، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانغان كىشى ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە يۈز ئابرۇيىنى ساقلاپ قالىدۇ، شۈبھىلىك ئىشقا كېرىپ قالغان كىشى ھارامغا كېرىپ قالىدۇ، خۇددى چىگرا ئەتراپىدا قوي باققان كىشىنىڭ قويلىرى چىگرادىن ئۆتۈپ كەتكىنىدەك، دىققەت قىلىڭلار! ھەر بىر پادىشاھنىڭ چەكلەيدىغان-قوغدايدىغان ئورۇنلىرى بولىدۇ، دىققەت قىلىڭلار! ئاللاھنىڭ چەكلىگەن ئورۇنلىرى ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردۇر، دىققەت قىلىڭلار! ئىنسان بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بولۇپ ئۇ ساغالام بولسا پۈتۈن بەدەن ساغلام بولىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزىلىدۇ، ئۇ قەلىبتىن ئىبارەتتۇر».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە نەرسىلەر توغرىسىدىكى ئومۇمى قائىدىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، نەرسىلەر شەرىئەتتە ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ: ئېنىق ھالال، ئېنىق ھارام ۋە (ھالال-ھاراملىق جەھەتتىن ھۆكمى ئېنىق بولمىغان) شۈبھىلىك ئىشلاردىن ئىبارەت، بۇ ئۈچىنچىسىنىڭ ھۆكمىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ. شۈبھىلىك ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشى ھارامغا چۈشۈپ قىلىشتىن يىراق بولۇش بىلەن ئۆزىنىڭ دىنىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ يۈز ئابرۇيىمۇ باشقىلارنىڭ بۇ كىشى شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ دەيدىغان تەنە سۆزلىرىدىن سالامەت قالىدۇ. شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق بولمىغان كىشى يا ھارامغا چۈشۈپ قىلىش ياكى كىشىلەرنىڭ مالامەتلىرىگە قىلىش بىلەن ئابرۇيىدىن چۈشىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشۈپ قالغان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ بىر مىسال بايان قىلىپ بەردى: ئۇ كىشى گوياكى باشقىلارنىڭ توسۇپ قويغان يېرىگە يېقىن جايدا قوي باقىدىغان پادىچىغا ئوخشايدۇ، ئۇ باشقىلارنىڭ زېمىنىغا يېقىن جايدا پادا باققانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىلىرى چوقۇم باشقىلارنىڭ زېمىنىغا كېرىپ كىتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ھارامغا يىقىن شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىنىڭ ھارامغا چۈشۈپ قىلىش ئېھتىمالى يۇقىرىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسان بەدىنىدە (قەلىبتىن ئىبارەت) بىر پارچە گۆشنىڭ بولىدىغانلىقى، ئۇ گۆش سالامەت بولسا بەدەننىڭمۇ سالامەت بولىدىغانلىقى، ئۇ گۆش بۇزۇلسا بەدەننىڭمۇ بۇزىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
شەدداد بىن ئەۋىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دېگەن سۆزىدىن مۇنۇ ئىككى سۆزنى ئېسىمدە تۇتىۋالدىم: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە ياخشىلىق قىلىشنى ۋاجىپ قىلدى، سىلەر ئۆلتۈرۈشكە ھەقلىق بولغان ئىنسانلارنى (قىساستا ياكى ئۇرۇشتا) قىينىماي ئۆلتۈرۈڭلار، مال بوغۇزلىساڭلار چىرايلىق بوغۇزلاڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار پېچىقىنى ئىتتىك قىلسۇن ۋە بوغۇزلىغان مالنى راھەتلەندۈرسۇن».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىزگە ھەممە نەرسىگە ياخشىلىق (ئېھسان) قىلىشنى ۋاجىپ قىلدى، ئېھسان دېگەن: ئىبادەتتە، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشتا، ھەر قانداق جانلىققا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن قول يىغىشتا دائىم ئاللاھ تائالانىڭ كۈزۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقتۇر، ئۇلاغ ئۆلتۈرۈش ۋە مال بوغۇزلاشتا ئۇلاغنى قىينىماي زەبىھ قىلىشمۇ ئېھساننىڭ جۈملىسىدىندۇر. قىساس ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ۋاقىتتا ئېھسان قىلىش دېگەن: ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جېنىنى ئەڭ تىز ۋە ئەڭ يەڭگىل بولغان يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تاللاشتۇر. مال بوغۇزلىغاندا ئېھسان قىلىش دېگەن: مال بوغۇزلايدىغان پىچاقنى ئىتتىك قىلىپ بوغۇزلىغان ھايۋانلارغا مېھرىبانلىق قىلىش، ئۇلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ پىچاقلارنى بىلىمەسلىك، باشقا ئۇلاغلار قاراپ تۇرسا كۆز ئالدىدا يەنە بىرىنى بوغۇزلىماسلىق قاتارلىقلار.
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىلەرگىمۇ زېيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، كىمكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، كىمكى كىشىلەرگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ».
دارى قۇينىي رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا يېتىشى ئېنىق بولغان تۈرلۈك شەكىلدىكى زېيانلاردىن ساقلىنىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا قانداق شەكىلدە بولسۇن زېيان يەتكۈزۈشى توغرا بولمايدۇ. زىيانغا زىيان بىلەن تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ، چۈنكى زىيان زىيان بىلەن يوق قىلىنمايدۇ، لېكىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىتتا بەلگىلىمىدىن ئۆتۈپ كەتمەي ئالسا بولىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «باشقىلارغا زېيان سالغان كىشىنىڭ چوقۇم زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى، باشقىلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ قىيىنچىلىقتا قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن توسقان ئىشلاردىن تولۇق چەكلىنىڭلار، بۇيرىغان ئىشلارنى كۈچۈڭلارنىڭ يىتىشىچە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىملەر كۆپ سوئال سوراش، پەيغەمبەرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ھالاك بولدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ بىزنى بىرەر ئىشتىن چەكلىسە ئۇنىڭدىن تولۇق چەكلىنىشىمىز لازىملىقىنى، بىرەر ئىشقا بۇيرۇىسا قۇدرىتىمىزنىڭ يىتىشىچە قىلىشىمىز كىرەكلىكىنى بىلدۈرىدى. يەنە رەسۇلۇللاھ بىزنى بۇرۇنقىلاردەك كۆپ سوئال سوراشتىن پەيغەمبەرلەرگە خىلاپلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى شۇ سەۋەبلىك تۈرلۈك ئازابلار بىلەن ھالاك قىلغان. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ساقلىنىشىمىز كىرەك
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دائىم ماڭا خوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىدىن ھەتتا خوشنىنى مىراسخۇر قىلىپ قويامدىكىن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دائىم ئۆزىگە خوشنىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تەكرارا-تەكرار تەۋسىيە قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۆيىگە يىقىن بولغان خوشنا مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن، تۇغقان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش، ئەزىيەتلىرىگە سەۋىر قىلىشقا بۇيرىغانلىقىدىن، ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خوشنىنىڭ ھەققىنىڭ كاتتا بولغانلىقى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ تەكرار-تەكرار تەۋسىيە قىلغانلىقىدىن، ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مال-مۈلكىگە خوشنىسى ۋارىسلىق قىلىدۇ دەپ ئايەت نازىل بولاپ قالامدىكى دەپ ئويلاپ قالغان.
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «توغرا بولمىغان رۇقىيە ئوقۇش، كۆز تىگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇمار ئېسىش ۋە ئەر-ئايالنى بىر-بىرىگە ئامراق قىلىش ئۈچۈن تۇمار پۈتۈش شېرىك ھېسابلىنىدۇ».
ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەزى ئىشلارنى قىلىشنىڭ شېرىكتىن ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ ئىشلاردىن: بىرىنچىسى: رۇقىيە، بۇ جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ شىپالىق تەلەپ قىلغاندا ئېيتىدىغان (شېرىكنى ئۆز ئېچىگە ئالغان) سۆزلىرىدۇر. ئىككىنچى: كۆز تېگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىلارنىڭ، چارۋىلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىدىغان مۇنچاققا ئوخشاش نەرسىلەر. ئۈچىنچى: ئەر-ئايالنى بىر-بىرىگە ئامراق قىلىش ئۈچۈن ياسالغان تۇمارغا ئوخشاش نەرسىلەر. بۇ ئىشلار شېرىكنىڭ جۈملىسىدىندۇر، چۈنكى ئۇ بىر ئىشنىڭ بولىشىنى سەۋەپ قىلىشتۇر، ئۇ دەلىللەر بىلەن بېكىتىلگەن شەرئىي سەۋەپ ئەمەس، ياكى تەجرىبە بىلەن بېكىتىلگەن ھېسسى سەۋەپمۇ ئەمەس. شەرئىي سەۋەپ بولسا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىقلار، ھېسسى سەۋەپ بولسا تەجرىبىلەر بىلەن ئىسپاتلانغان دورىلار بىلەن داۋالىنىش قاتارلىقلار. بۇ ھەقىقەتەن پايدا ۋە زىيان ئاللاھنىڭ قولىدا، بۇنىڭ ھەممىسى سەۋەپ دەپ ئېتىقاد قىلىش بىلەن دۇرۇس بولىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ۋاپات بولغانلارنى تىللىماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە يېتىپ بولدى».
بۇخارى رىۋايىتىبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆلۈكلەرنى تىللاش ۋە ئىززەت-ئابرۇيىنى تۆكۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ھەقىقەتەن بۇ ناچار ئەخلاق ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى تىللاش ئۇلارغا ھېچ بىر زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، پەقەت ھايات ياشاۋاتقانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ.
جۇندۇب بىن ئابدۇللاھ قەسرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بامدات نامىزىنى ئادا قىلسا ئاللاھنىڭ كېپىللىكىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئۆزىنىڭ كېپىللىكىدىكى نەرسىنى تەلەپ قىلمايدۇ، كىمكى ئاللاھنىڭ كېپىللىكىدىكى نەرسىنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئۇنى تاپىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىچە جەھەننەمگە سۆرەپ تاشلىنىدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئادا قىلغان كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى، قوغدىشى ۋە ھىمايە قىلىشىدا بولىدىغانلىقى، ئۇ كىشىنى مۇداپىئە قىلىدىغانلىقى ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى بامدات نامازنى ئادا قىلماسلىق ياكى ناماز ئادا قىلغۇچىغا ھەددىدىن ئېشىش ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن بۇ ۋەدىنى بۇزسا ياكى بىكار قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، خوشنىدارچىلىقنى ئاياغ-ئاستى قىلغان بولدى، چەكتىن ئىشىپ ئاللاھنىڭ ھەققىدىكى بىر نەرسىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا ھەقلىق بولدى، كىمكى ئۇنى تەلەپ قىلىدىكەن تاپىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىچە جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ، ئاللاھ بەندىسىگە ئەپۇچانلىقنى زىيادە قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئەزىز بولىدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولغان كىشىنىڭ مەرتىۋېىسىنى ئاللاھ تائالا يۇقىرى قىلىدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتىبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەدىقىنىڭ مالنى كېمەيتىۋەتمەيدىغانلىقىنى، بەلكى مالغا كېلىدىغان ئاپەتلەرنى يوق قىلىدىغانلىقى، مال ئىگىسىگە ئاللاھ كاتتا ياخشىلىقنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى، سەدىقە قىلىش بىلەن مالنىڭ كېمەيمەستىن زىيادە بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ بەردى. ئىنسان ئېنتىقام ئېلىشقا ياكى جازالاشقا قادىر بولۇپ تۇرۇغلۇق ئەپۇ قىلىۋەتسە، ئەپۇچانلىق ئۇ كىشىگە ئىززەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنى زىيادە قىلىدۇ. ئىنسان بىر كىشىدىن قورقماستىن، خوشامەت قىلماستىن، بىرەر مەنپەئەت تەلەپ قىلماستىن پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، كەمتەر بولىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپىتى ئۈستۈنلۈك ۋە شان-شەرەپ بولىدۇ.