





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: «سىلەردىن بىرىڭلار بىر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، قەلبى بىلەن نارازى بولۇش بولسا ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ئىپادىسىدۇر»
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنكەر ئىشنى كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى. -مۇنكەر دېگەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن ھەر قانداق ئىش مۇنكەر دېيىلىدۇ. مۇنكەر ئىشنى كۆرگەندە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە كۈچى يەتسە قولى بىلەن (ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن) ئۆزگەرتىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر قولى بىلەن ئۆزگەرتىشتىن ئاجىز كەلسە، ئۇنى تېلى بىلەن ئۆزگەرتىدۇ ۋە مۇنكەر ئىش قلغۇچىنى قىلمىشىدىن چەكلەيدۇ، ئۇ ئىشنىڭ زىيانلىق، خاتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ، بۇنىڭ ئورنىغا ياخشى بىر ئىشقا يېتەكلەيدۇ. تېلى بىلەن ئۆزگەرتىشتىن ئاجىز كەلسە، ئۇنى دىلى بىلەن يامان كۆرىدۇ، يەنى مۇنكەر ئىشنى يامان كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالىسا ئۆزگەرتىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ. مۇنكەر ئىشنى دىلى بىلەن يامان كۆرۈش بولسا ئىمان-ئېتىقادنىڭ ئەڭ ئاجىز تەرىپىدۇر.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى: ئىي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان ئەمەللىرىمىز بىلەن جازالىنىمىزمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سەمىمى سادىق بولىدىكەن، جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان ئىشلىرىغا جازالانمايدۇ، كىمكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سەمىمى سادىق بولمايدىكەن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى خاتالىقلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ»دېدى.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان بولۇشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بەردى. كىمكى مۇسۇلمان بولۇپ، ئىسلامى گۈزەل، سەمىمى سادىق بولسا جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان خاتا ئىشلىرىغا جازالانمايدۇ. كىمكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ناچار ئىشلارنى قىلىدىكەن، مۇناپىقلىق قىلىدىكەن ياكى دىندىن يېنىۋېلىپ مۇرتەد بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى كاپىر ۋاقتىدا قىلغان ۋە مۇسۇلمان بولغان ۋاقتىدا قىلغان ھەممە ئىشلىرىدىن ھېساب ئېلىنىدۇ.
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: مەن بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلسام، رامىزان روزىسىنى تۇتسام، ھالالنى ھالال ۋە ھارامنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلسام، ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىر ئىش قىلمىساممۇ جەننەتكە كېرىمەنمۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلمايمەن دېدى.
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە: بىر كىشى پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنىلا ئوقۇپ باشقا ئارتۇق نەپلە نامازلارنى ئوقۇمىسا، رامىزان روزىسىنىلا تۇتۇپ باشقا نەپلە روزىلارنى تۇتمىسا، ھالالنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئەمەل قىلسا، ھارامنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئۇنىڭدىن يىراق بولسا، ئۇ كىشىنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
ئەبى مالىك ئەشئەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: پاكلىق ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ، سۇبھانە ئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ بۇ ئىككى كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ، ناماز نۇردۇر، سەدىقە ھۆججەتتۇر، سەبىر يورۇقلۇقتۇر، قۇرئان سىزنىڭ پايدىڭىز ياكى زېيىنىڭىزغا ھۆججەتتۇر، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئەتتىگەندە چېقىپ كەچكىچە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ياكى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ۋە غۇسلە بىلەن بولىدىغان سېرتقى پاكلىقنىڭ نامازنىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ئەلھەمدۇ لىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ دېگەن سۆز بولسا، ئاللاھ تائالانى مەدھىيەلەش ۋە مۇكەممەل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش بولۇپ قىيامەت كۈنىدە مىزانغا قويۇلغاندا، ئەمەل مىزانىنى توشقۇزىدۇ. سۇبھانئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ دېگەن بۇ ئىككى كەلىمە ئاللاھ تائالانى بارلىق كەمچىللىكتىن پاكلاش، مۇكەممەل تولۇق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە كاتتىلاش بىلەن بىرگە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ. ناماز ھەقىقەتەن بەندە ئۈچۈن دىلىدا، چېرايىدا، قەبرىسىدە ۋە مەھشەر مەيدانىدا نۇر بولىدۇ. سەدىقە ھۆججەتتۇر، مۇئمىننىڭ ئىمانىنىڭ راستلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. مۇئمىن سەدىقە قىلىش بىلەن سەدىقە قىلىشتىن باش تارتىدىغان ۋە بۇنىڭغا بېرىلىدىغان ساۋاپقا ئېشەنمەيدىغان مۇناپىققا ئوخشىمايدۇ. سەبرى نۇردۇر، سەبرى دېگەن: ئۆزىنى ئاچچىقلىنىش ۋە غەزەپلىنىشتىن تۇتۇپ تۇرۇشتۇر، سەبرى بىلەن ھاسىل بولىدىغان نۇردىن خۇددى قۇياش نۇرىغا ئوخشاش ھارارەت ۋە قىززىقلىق پەيدا بولىدۇ، چۈنكى سەۋىرچانلىق دېگەن: نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىش ۋە ئۇنى ئۆز خاھىشىدىن كونتۇرۇل قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدىغان قېيىن ئىشتۇر، سەۋېرچان كىشى دائىم يورۇقلۇقتا ھىدايەت تىپىپ توغرا يولدا داۋاملاشقۇچى بولىدۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتىگە سەبرى قىلىش، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتا سەبرى قىلىش، بالا-مۇسىبەتكە سەبرى قىلىش ۋە دۇنيادا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا سەبرى قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش ۋە ئەمەل قىلىش بىلەن سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىزگە ھۆججەت بولسا، تىلاۋەت قىلماسلىق ۋە ھۆكمىگە ئەمەل قىلماسلىق بىلەن سىزنىڭ زېيىنىڭىزغا ھۆججەتتۇر. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئۇيقۇدىن تۇرۇپ ئەتتىگەندە تۈرلۈك خىزمەتلەر ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. بەزى كىشىلەر ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ ئۆزىنى دوزاختىن قۇتقۇزىدۇ، بەزى كىشىلەر توغرا يولدىن چەتنەپ گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىپ دوزاخقا كېرىش بىلەن ئۆزىنى ھالاك قىلدۇ.
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە "ئۇفەير" دېيىلىدىغان ئېشەككە مىنگەشتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز! ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ۋە بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟» دېدى، مەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى: ئۇلار ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىش، بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى: ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىنى ئازابلىماسلىقتۇر» دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە خۇشخەۋەر بىرەيمۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلارغا ھازىر خۇشخەۋەر بەرمىگىن، ئۇلار بۇ سۆزگە تايىنىۋالىدۇ» دېدى.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى ۋە بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىنى بايان قىلىپ، ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى بولسا: ئۇلارنىڭ يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن تەۋھىد ئەھلى بولغان كىشىنى ئازابلىماسلىقتۇر. ئاندىن مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىشىلەرنىڭ خۇرسەن بولىشى ۋە بۇ ئارتۇقچىلىق بىلەن خوشال بولىشى ئۈچۈن ئۇلارغا خۇشخەۋەر بېرەيمۇ؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ بۇ سۆزگە تايىنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ھازىرچە خۇشخەۋەر بېرىشتىن توستى.
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىشىلەرنىڭ جەننەتكە ياكى دوزاخقا كېرىشىنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت قايسى؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېردى، ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ۋاپات بولغان كىشى دوزاخقا كېردى»دېدى.
مۇسلىم رىۋايىتىبىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: جەننەتكە كېرىشنى ۋە دوزاخقا كېرىشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەتتىن سورىدى؟. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: جەننەتنى ۋاجىپ قىلىدىغان خىسلەت؛ ئىنسان يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولۇش دەپ جاۋاپ بەردى. دوزاخنى ۋاجىپ قىلىدىغان خىسلەت بولسا: ئىنسان ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھقا ئىلاھلىقتا، رەبلىكتە ياكى ئىسىم-سۈپەتتە بىر نەرسىنى باراۋەر قىلىپ ئۆلۈپ كېتىشتۇر.
سۇپيان بىن ئابدۇللاھ سەقەپىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ رۇسۇلى! ماڭا ئىسلامدا بىر سۆزنى دەپ بەرسىلە، مەن ئۇ سۆز توغرىسىدا سىلىدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايمەن دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا ئىشەندىم دەپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۆزنىڭ تەقەززاسى بىلەن مۇستەھكەم تۇرغىن».
مۇسلىم ۋە ئەھمەد رىۋايىتىساھابىلاردىن سۇپيان بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە ئىسلامنىڭ ئومۇمى مەنىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ۋە ئۇنىڭغا مۇستەھكەم ئېسىلىدىغان بىر سۆزنى تەلىم بېرىشنى، ئۇ سۆزنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغان ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھنى بىر بىلدىم، ھەقىقەتەن ئاللاھنى مېنىڭ رەببىم، ئىلاھىم، ياراتقۇچۇم، ھېچ شېرىكى بولمىغان ھەق مەبۇدۇم» دېگىن دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى تەرك قىلىپ، ئاللاھقا بويسۇنۇپ بۇنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مېنىڭ ئۇممىتىمدىن بولغان بىر كىشىنى ئايرىپ ئۇنىڭ ئالدىغا توقسەن توققۇز پۈتۈك دەپتىرىنى يايىدۇ، ھەر بىر پۈتۈك دەپتىرى كۆز يەتكۈسىز يەرگىچە بولىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىگە: بۇنىڭدىن بىرەر ئىشنى ئىنكار قىلامسەن؟ ئەمەللەرنى ساقلىغۇچى ۋە پۈتۈكچى پەرىشتىلىرىم ساڭا زۇلۇم قىلدىمۇ؟دەيدۇ، ئۇ كىشى: ياق، ئى رەببىم! دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: سېنىڭ ئۈزرەڭ بارمۇ؟ دەيدۇ، ئۇ كىشى: ياق، ئى رەببىم! دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ياق، بىزنىڭ ھوزۇرىمىزدا سېنىڭ ياخشىلىقىڭ بار، ھەقىقەتەن بۈگۈن ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ دەپ، ئۇ كىشىگە: ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دەپ يېزىلغان كارتنى چېقىرىدۇ، بۇنى سېنىڭ مىزانىڭغا قويغىن دەيدۇ، ئۇ كىشى: ئى رەببىم! بۇ كارت ئاشۇ پۈتۈكلەر بىلەن قانداق باراۋەر كەلسۇن؟دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ دەيدۇ. (ئاندىن ئاۋۇ پۈتۈكلەر تارازىنىڭ بىر تەرىپىدە، كارت يەنە بىر تەرىپىدە قويىلىدۇ) پۈتۈكلەر يەڭگىل كېلىپ كارت ئېغىر كېلىدۇ، ھېچقانداق نەرسە ئاللاھنىڭ ئىسمى بولغان نەرسىدىن ئېغىر كەلمەيدۇ».
تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ئۈممىتىدىن بىر كىشىنى تاللاپ چاقىرىپ، ھېساپ ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا توقسەن توققۇز پۈتۈك دەپتىرىنى يايىدىغانلىقى، ئۇ بولسا شۇ ئىنساننىڭ دۇنيادا قىلغان يامان ئەمەل دەپتىرى ئىكەنلىكى، ھەر بىر دەپتەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى كۆز يەتكۈسىز ئۇزۇنلۇقتا بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. ئاندىن ئاللاھ تائالا بۇ كىشىگە: «مۇشۇ پۈتۈكلەرگە يېزىلغان بىرەر نەرسىنى ئىنكار قىلامسەن؟، پۈتۈكلەرنى يازغۇچى پەرىشتىلىرىم ساڭا زۇلۇم قىلدىمۇ؟ دەيدۇ. ئۇ كىشى: ياق ئى رەببىم! دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: «سېنىڭ دۇنيادا قىلغان ناچار ئەمەللىرىڭنىڭ سەھۋەنلىكتىن ياكى خاتالىقتىن ياكى بىلمەسلىكتىن بولۇپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئۈزۈر ۋە كۆرسىتىدىغان سەۋەپلىرىڭ بارمۇ؟»دەيدۇ. ئۇ كىشى: ياق ئى رەببىم! مېنىڭ ئۈزۈرلىرىم يوق دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:« شۇنداقلا، بىزنىڭ ھوزۇرىمىزدا سېنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭ بار، بۈگۈن ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ»دەيدۇ. ئۇ كىشىگە : ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دېگەن سۆز يېزىلغان كارتنى چېقىرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە: «بۇ كارتنى مىزانىڭغا قويغىن» دەيدۇ. ئۇ كىشى ئەجەپلىنىپ: ئى رەببىم! ھەر بىرى كۆز يەتكۈسىز بولغان بۇ پۈتۈكلەر بىلەن بۇ كارت قانداقمۇ مىزاندا باراۋەر كەلسۇن؟ دەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە: «بۈگۈن ساڭا ھەرگىز زۇلۇم قىلىنمايدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈك دەپتەرلىرى مىزاننىڭ بىر تەرىپىگە، كارت يەنە بىر تەرىپىگە قويۇلىدۇ، پۈتۈكلەر قويۇلغان تەرەپ يەڭگىل كېلىدۇ، كارت قويۇلغان تەرەپ ئېغىر كېلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا جەننەت ۋە دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى جەننەتكە ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: سەن جەننەتكە ۋە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە قاراپ بىقىپ قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! جەننەتنى ئاڭلىغان كىشى جەننەتكە كېرىدىكەن دېدى، ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ ئەتراپىنى ئىنسانغا قىيىن بولىدىغان كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى: سەن جەننەتكە بېرىپ جەننەتكە ۋە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە بىرىپ قارىسا، جەننەتنىڭ ئەتراپى ئىنسانغا قىيىن بولىدىغان كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ھېچ بىر ئىنساننى جەننەتكە كېرەلمەي قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن دېدى، ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى دوزاخقا ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: سەن دوزاخقا ۋە دوزاخ ئەھلى ئۈچۈن دوزاختا تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا قارىسا دوزاخنىڭ بەزىسى بەزىسىگە كېرىشىپ كەتكەن، قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! دوزاخنى ئاڭلىغان ھېچ كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ دېدى، ئاللاھ تائالا دوزاخنىڭ ئەتراپىنى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان ۋە مايىل بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى قايتىدىن دوزاخقا قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا قارىسا، دوزاخنىڭ ئەتراپى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان ۋە مايىل بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن، قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ھېچ بىر كىشىنىڭ دوزاختىن قۇتۇلالماي ھەممىسى كېرىپ كىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن دېدى».
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نىسائى رىۋايەت قىلغانئاللاھ تائالا جەننەت بىلەن دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى: سەن جەننەتكە بېرىپ جەننەتكە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە قاراپ بىقىپ قايتىپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن خەۋەر بەردى. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام : ئى رەببىم ! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، جەننەتنى ۋە جەننەتتىكى نېئمەت، ياخشىلىق، ئېسىل نەرسىلەرنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى جەننەتكە كېرىشنى ياقتۇرىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىدۇ دېدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا جەننەتنى ۋە جەننەت ئەتراپىنى ئىنسانغا قىيىن بولغان ۋە كۆڭلى تارتمايدىغان قىيىن ئىشلارنى قىلىش ۋە كۆڭلى تارتىدىغان چەكلىمىلەردىن ساقلىنىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، جەننەتكە كېرىشنى مەقسەت قىلغان كىشى مۇشۇ ئىشلاردىن ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك. ئاندىن ئاللاھ تائالا جەننەت ئەتراپىنى ئىنسانغا قىيىن بولغان ۋە كۆڭلى تارتمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋەتكەندىن كېيىن: ئى جىبرائىل! بېرىپ جەننەتكە قاراپ باققىن دېدى. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بېرىپ جەننەتكە قاراپ بىقىپ قايتىپ كېلىپ: ئى رەببىم ! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، جەننەتكە كېتىدىغان يوللاردىكى قىيىنچىلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر سەۋەبىدىن ھېچ بىر كىشىنى جەننەتكە كېرەلمەي قالامدىكىن دىپ ئەنسىرەيمەن دېدى. ئاللاھ تائالا دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى : سەن دوزاخقا بېرىپ قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا بېرىپ ئۇنىڭغا قارىدى. ئاندىن جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قايتىپ كېلىپ: ئى رەببىم! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، دوزاختىكى ئازاب-ئوقۇبەت، دەرت-ئەلەملەرنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭغا كىرىشنى خالىمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كېرىشگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ دېدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا دوزاخنىڭ ئەتراپىنى ئىنساننىڭ كوڭلى مايىل بولىدىغان سەۋەپلەر بىلەن ئورىدى، نەپسى شەھۋەتلىرى ئىختىيار قىلىدىغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا يېتىدىغان يول قىلدى، ئاندىن : ئى جىبرائىل! دوزاخقا بېرىپ قاراپ باققىن دېدى. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا بېرىپ قاراپ، قايتىپ كېلىپ: ئى رەببىم! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، دوزاخ ئەتراپىدىكى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان نەپسى مايىل بولىدىغان لەززەتلەر سەۋەبىدىن ھېچ بىر كىشىنى دوزاختىن قۇرتىلالمامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قورقۇۋاتىمەن دېدى.