





























Categories
Discover our diverse collection of categories covering multiple topics to meet your various interestsDa\'wa cards that highlight great meanings of the verses of the Holy Quran and the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
No Ayat found for this category
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۈستى تەرەپتىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ: «بۇ ئاسماندىن بۈگۈن ئىچىلغان بىر ئىشىك بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېچىلىپ باقمىغان» دېدى، شۇ ئىشىكتىن بىر پەرىشتە چۈشتى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: «بۇ پەرىشتە بۇنىڭدىن بۇرۇن زېمىنغا چۈشۈپ باقمىغان، پەقەت بۈگۇنلا چۈشتى» دېدى، ئۇ پەرىشتە كىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلىپ: «سۈرە پاتىھە ۋە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرىدىن ئىبارەت سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق پەيغەمبەرگە بېرىلىپ باقمىغان ئىككى نۇر بىلەن خوش بىشارەت ئالغىن، سەن بۇ ئايەتلەردىن بىرەر ھەرىپنى ئوقۇيدىغانلا بولساڭ چوقۇم سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ» دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۈستى تەرەپتىن، يەنى ئاسمان تەرىپىدىن قۇرۇلۇشنىڭ ياغىچى سۇندۇرۇلغاندا چىقىدىغان ئاۋازدەك ياكى ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىدەك قاتتىق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بېشىنى كۆتۈرۈپ: «بۇ ئاسماننىڭ بۈگۈن ئىچىلغان بىر ئىشىكى بولۇپ، بۇرۇن ئېچىلىپ باقمىغان دېدى»، ئۇ ئىشىكتىن بىر پەرىشتە چۈشتى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: «بۇ پەرىشتە بۇنىڭدىن بۇرۇن زېمىنغا چۈشۈپ باقمىغان، پەقەت بۈگۈنلا چۈشتى» دېدى، ئۇ پەرىشتە كىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلىپ: «قوش نۇر بىلەن خوش بىشارەت ئالغىن» دېدى، ئىككىسىدىن ھەر بىرى ئۆز ساھىبىنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ياكى مەنىسىنى ئويلانغاندا ۋە ياخشى مۇلاھىزە قىلغاندا ئۇ ئايەت ئۆز ساھىبىنى توغرا يولغا باشلايدىغان بولغاچقا ئۇلارنى ئىككى نۇر دەپ ئاتىغان ئىدى، بۇ ئىككى نۇرنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە بېرىلمىگەن بۇ ئىككى ئايەتكە خاس قىلغانلىقى: بۇ ئىككى ئايەتنىڭ پەزىلىتى ۋە باشقا ئايەتلەردە تىپىلمايدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، بىرىنچى نۇر بولسا پاتىھە سۈرىسى، ئىككىنچى نۇر بولسا بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايەتتۇر، بۇ ئۈممەتدىن بىر مۆمىن كىشى مۇشۇ ئىككى ئايەتنى ئوقۇيدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۇ ئايەتلەردە تەلەپ قىلىنغان نەرسىلەرنى بېرىدۇ، «بۇ ئىككى ئايەت ساڭا بېرىلدى، سەندىن ئىلگىركى ھېچ بىر پەيغەمبەرگە بېرىلمىگەن» دېدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ بەكرى ئىبنى ھەزمىدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرۇ ئىبنى ھەزمىگە يېزىپ بەرگەن خىتىدە: «ئۇنى يەنى قۇرئان كەرىمنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ»دېگەن
ئىمام مالىك"مۇئەتتا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمرۇ ئىبنى ھەزمىگە يېزىپ بەرگەن خېتىدە يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمرۇ ئىبنى ھەزمىنى نەجرانغا قازى قىلغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا مىراس، سەدىقە ۋە دىيەت قاتارلىق نۇرغۇن شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزۇن پىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ بەردى، بۇ ئۈممەت سەھىھ دەپ قوبۇل قىلغان مەشھۇر مەكتۇپتىن ئىبارەت بولۇپ، «قۇرئان كەرىمنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ» دېگەن، بۇ يەردە قول بىلەن بىۋاستە تۇتۇش مەقسەت قىلىنىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن، ئەگەر بىرەر كىشى ئۇنى ئۆزىدىن ئايرىم بولغان لۆڭگە، سومكىدا كۆتۈرسە ياكى ئۇنىڭ بەتلىرىنى خەت كۆرسەتكۈچ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئاچسا بۇنىڭ بىلەن بىۋاستە تۇتۇش ھاسىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن چەكلىمە دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، بۇ يەردىكى قۇرئاندىن مەقسەت، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى يېزىلغان تاختاي، قەغەز ۋە تېرە پارچىلىرى قاتارلىق نەرسىلەر مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ يەردە سۆز مەقسەت قىلىنمايدۇ، چۈنكى سۆز دېگەننى سىلاپ تۇتقىلى بولمايدۇ، بەلكى ئاڭلايدۇ، پاك بولغانلار تۇتسۇن دېگەن سۆز تۆت تۈرلۈك ئىشنىڭ ئارىسىدا ئورتاق بولىدۇ: بىرىنچى:پاك بولغانلاردىن مۇسۇلمانلار مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن مۇشرىكلار نىجىستۇر» ، ئىككىنچى: نىجاسەتتىن پاك بولغانلار مەقسەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۈشۈك توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇ نىجىس ئەمەس». ئۈچىنچى: جۇنابەتتىن پاك بولغانلار مەقسەت قىلىنىدۇ، تۆتىنچى: پاك بولغانلاردىن تاھارەت ئالغۇچى مەقسەت قىلىنىدۇ، مۇشۇ مەنىلەرنىڭ ھەممىسى شەرىئەتتە پاكىزلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىدۇ، ھەدىستىن بولغان مەقسەتكىمۇ ئېھتىماللىقى بولىدۇ، بىزدە بۇ تۆت تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىنى يەنە بىرىگە كۈچلاندۇرىدىغان يېتەرلىك دەلىل يوق، ئەڭ ياخشىسى ئۇ سۆزنى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئورۇنغا ئىشلەتسەك بولىدۇ، يەنى تاھارىتى بولمىغان كىشى تۇتمىسۇن دېگەن سۆز ئىشەنچىلىك، شۇنداقلا كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىغىمۇ مۇۋاپىق، تۆت مەزھەب ئىماملىرىمۇ مۇشۇ قاراشنى كۈچلاندۇرىدۇ، بۇ ئېھتىياتى قاراشتۇر ۋە ئەڭ ئەۋزەلدۇر
ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھيى نازىل بولغاندا قېيىنچىلىقتا بولۇپ، چىرايىمۇ ئۆزگىرەتتى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھيى نازىل بولغاندا قېيىنچىلىق ۋە جاپا تارتىپ، چىرايىمۇ ئۆزگىرەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەھيىنىڭ ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى، بەندىلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئادا قىلىش، ئاللاھ تائالاغا لايىقىدا شۈكۈر ئېيتىشتەك ئىشلاردىن ئەنسىرەيتى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە خەۋىرىنى ئۇلۇغ بىلەتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بىراۋنىڭ پالانى-پالانى ئايەتنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم، دېيىشى نېمىدېگەن يامان؟! ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنتۇلدۇرۇلغان. شۇڭا قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىىدىن تۆگە باغلاقتىن قاچقاندىنمۇ تىز قاچىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ «پالانى ۋە پالانى ئايەتلەرنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم» دېگەن كىشىنى سۆككەنلىكى بايان قىلىنغان، چۈنكى بۇ ئىش قۇرئان كەرىمگە سەل قاراپ، ئۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا ئۇ كىشى قۇرئانغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، تەكرارلاشقا سۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنتۇلدۇرۇلۇش بىلەن جازالاندى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرئاننى ئىزچىل تىلاۋەت قىلىشقا، تەكرارلاشقا، دەرسلىك قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىدى. ئۇ: «قۇرئان كەرىم كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن تۆگە قاچقاندىنمۇ بەك قاچىدۇ» دېدى، تۆگە ھايۋانلار ئىچىدە قاچقاق، قېچىپ كەتكەندە ئۇنى تۇتۇپ كېلىش قېيىن ھايۋان بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: نازىل بولۇپ تۇرىۋاتقان قۇرئان ئايەتلىرىدە: «ئايرىم-ئايرىم ئون قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلدەشلىككە سەۋەپ بولىدۇ» دېگەن ئىبارەت بار ئىدى، كېيىن بۇھۆكۈم:«ئايرىم-ئايرىم بەش قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلداشلىق بولىدۇ»دېگەن ھۆكۈم بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا، بىز بۇ ئىبارىلەرنى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيتۇق
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە چەكلەنگەن ئىمىلداشلىق ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ئون قېتىم ئېمىش بولۇپ بۇ توغرىدا ئايەت نازىل بولغان، كېيىن بۇ ئايەتنىڭ تىكىستى ۋە ھۆكمى ئايرىم-ئايرىم بەش قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلداشلىق بولىدۇ»دېگەن ھۆكۈم بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا بىز بۇ ئىبارىلەرنى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيتتۇق. بۇ ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئايەت بەك كېچىكىپ نازىل بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھۆكۈم بەزى كىشىلەرگە مەخپى بولۇپ قالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايەتنىمۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيدىغانلىقى بايان قىلىنغان
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنى بەدرىگە قاتناشقان مويسىپىت ساھابىلەر بىلەن بىر سورۇنغا ئېلىپ كىرەتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى نارازى بولغاندەك قىلىپ، بىزنىڭ بۇنىڭ يېشىدا باللىرىمىز تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ سورۇنىمىزغا بۇ بالىنى باشلاپ كىرىدۇ، دېگەندە، ئۆمەر: سىلەر بىلگەن بىر سەۋەپتىن، دېدى. بىر كۈنى مېنى چاقىرىپ ئۇلارنىڭ بىر سورۇنىغا ئېلىپ كىردى، مەن: ئۆمەر مېنى شۇ كۈنى ئۇلارغا كۆرسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن چاقىردى، دەپ ئويلۇدۇم. ئۆمەر: ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» دېگەن سۆزى ھەققىدە نېمە دەيسىلەر؟ دەپ سورىدى، بەزىلىرى: بىزگە نۇسرەت ياكى فەتىھ ئاتا قىلىنسا ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ۋە ئىستىغفار ئېيتىشقا بۇيرۇلدۇق، دېيىشتى، بەزىلىرى بىر نەرسە دېمەي، جىم تۇرۇشتى. ئۆمەر مەندىن: ئى ئىبنى ئابباس! سەنمۇ شۇنداق دەپ قارامسەن؟ دەپ سورىدى، مەن: ياق، دېدىم. ئۇ: سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ باقايلى، ـ دېدى. مەن: بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەجىلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەجىلىنى بىلدۈرگەن. ئاللاھ: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» بۇ سېنىڭ ئەجىلىڭنىڭ ئالامىتىدۇر «رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدۇ-سانا ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر» دېدى، ئۆمەر: بۇ ئايەتنى مەنمۇ سەندەك چۈشىنىمەن، دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانقىيىن ئىشلاردا ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن مەسلەھەتلىشىش ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئادىتى ئىدى. ئابدۇللا ئىبنى ئابباسنى بەدرىگە قاتناشقان مويسىپىت ساھابىلەر بىلەن بىر سورۇنغا ئېلىپ كىرەتتى، بۇلارغا نىسبەتەن ئىبنى ئابباسنىڭ يېشى كىچىك ئىدى، ئۇلارنىڭ بەزىسى: نىمە ئۈچۈن ئابباسنىڭ ئوغلىنى ئەكىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوغلىنى ئەكىرمەيدۇ؟ دەپ نارازى قىلدى. ئۆمەر ئۇلارغا ئىبنى ئابباسنىڭ ئىلمى ساپاسىنى، زىرەك ۋە چېچەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويماقچى بولۇپ، ئۇلارنى چاقىرىپ يىغىپ، ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگۈنۈڭدە رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن! ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىلەرنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر» دېگەن سۈرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلاردىن: بۇ سۈرە توغرۇلۇق نىمە دەيسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى سۈكۈت قىلدى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر: بىزگە نۇسرەت ياكى فەتىھ ئاتا قىلىنسا گۇناھلىرىمىزغا ئىستىغفار ئېيتىشقا، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىشقا بۇيرۇلدۇق، دېيىشتى. لىكىن ئۆمەر ئۇلاردىن بۇ ئايەتنىڭ يۈزەكى سۆز مەنىسىنى ئەمەس بەلكى مەقسىدىنى سورىغان ئىدى. ئۆمەر ئىبنى ئابباستىن: سەن بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىگە نېمە دەپ قارايسەن؟ دەپ سورىدى، ئىبنى ئابباس: ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ئەجىلى يەنى: ئەجىلىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى دەپ قارايمەن. ئاللاھ ئۇنىڭغا: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» دېگىنى، يەنى: مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى، ئۇ پەتھى ئەجىلىڭنىڭ ئالامىتى، «رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن! ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىلەرنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر». ئۆمەر: بۇ ئايەتنى مەنمۇ سەندەك چۈشىنىمەن، دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى نامايەن بولدى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلغان، ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ۋاپات بولغۇچە قەدەر ئىزچىل ۋەھيى قىلغان، ئەڭ كۆپ ۋەھيى نازىل بولغان ۋاقىتلار رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلار ئىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاللاھ تائالا شەرىئەتنى مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللمگە ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى كۆپ ۋەھىي نازىل قىلدى، ۋەھىي ئەڭ كۆپ نازىل بولغان ۋاقىتلار، رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلار ئىدى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قېلىنىدۇ، ئەبۇ جەھىل: «ئاراڭلاردا مۇھەممەدنىڭ يۈزى توپىغا مېلىنىشىنى خالامسىلەر؟» دېدى، ئۇلار: «ھەئە» دېيىشتى، ئەبۇ جەھىل: «لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەمكى مۇھەممەدنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەم گەدىنىگە دەسسەيمەن ياكى يۈزىنى توپىغا مىلەيمەن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىگە كېلىپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئەبۇ جەھىل گەدىنىگە دەسسەش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا مېڭىۋىتىپ، تۇيۇقسىز كەينىگە داجىپ ئىككى قولى بىلەن ساقلاندى، «ساڭا نېمە بولدى؟» دەپ سورالغاندا، ئەبۇ جەھىل: مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ئوت لاۋىلداپ تۇرغان ئورەك، قورقۇنۇچ، ۋە قاناتلار پەيدا بولدى» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇ ماڭا يېقىنلاشقان بولسا ئۇنى پەرىشتىلەر پارچە-پارچە قېلىۋەتكەن بولاتتى»، ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا ئايەت نازىل قىلدى: «شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ[6ـ7].(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)[8]. ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟[9ـ10]ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا[11]، ياكى تەقۋادارلىققا بۇيرىغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)[12] ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)[13]، ئەبۇ جەھىل، ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟[14]ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن، يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز[15-16]. ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن![17] بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك ـ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى)نى چاقىرىمىز[18]. (بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن». راۋىلاردىن بىرى بولغان ئۇبەيدۇللاھ ھەدىسىدە: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر قانچە ئىشقا بۇيرىدى. ئابدۇل ئەئلا دېگەن يەنە بىر راۋى: ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن![17]، يەنى: «ئۆز قەۋمىنى» دېگەن سۆزنى زىيادە قىلدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ جەھىل بىر كۈنى يارەنلىرىگە: «مۇھەممەد ئاراڭلاردا، سىلەر كۆرىدىغان، ئاڭلايدىغان يەردە ناماز ئوقۇپ، توپىغا سەجدە قىلامدۇ؟» دېدى، ئۇلار: «ھەئە» دېيىشتى، ئەبۇجەھىل لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەم قىلىپ: «ئەگەر مۇھەممەدنىڭ سەجدە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ئۇنىڭ گەدىنىگە دەسسەيمەن ياكى يۈزىنى توپىغا مىلەيمەن» دېدى. بىر كۈنى ئەبۇ جەھىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدە قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ گەدىنىگە دەسسەش ئۈچۈن يېقىنلىشىۋاتقاندا ئۇلار ئەبۇ جەھىلنىڭ ئۇشتۇمتۇت قورقۇپ كەينىگە يانغانلىقىنى، ئىككى قولىنى سوزۇپ بىر نەرسىدىن ساقلانغاندەك قېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، يارەنلىرى ئۇنىڭدىن: [ساڭا نېمە بولدى؟» دەپ سورىدى، ئەبۇجەھىل ئۇلارغا: مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) نىڭ گەدىنىگە دەسسىمەكچى بولغىنىدا ئۆزى بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى قورقۇتۇپ قاچۇرغان ئوتقا تولغان بىر ئورەكنى ۋە قاناتلارنى ۋە قورقۇنۇچلۇق ئىشنى كۆرگەنلىكىنى ئىيتىپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا خەۋەر بېرىپ: «ئەگەر ئۇ ماڭا يەنە يېقىنلاشقان بولسا پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ئەزالىرىنى پارچە، پارچە قىلىۋەتكەن بولاتتى» دېدى. ئاللاھ تائالا ئايەت بۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلدى: «شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ[6ـ7].(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)[8]. ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟[9ـ10]ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا[11]، ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)[12] ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)[13]،ئەبۇ جەھىل، ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟[14]ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز[15 ـ 16].ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن![17] بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك ـ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز[18].(بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن». ئايەتتىكى ئىنساندىن ئەبۇ جەھىل مەقسەت قېلىنغان، ئۇ ئۆزىنى بىھاجەت دەپ ئويلاپ كۇپردا، ئاسىيلىقتا ۋە زۇلۇمدا ھەددىدىن ئاشتى، «ئى مۇھەممەد! بۇ كاپىرنىڭ بارىدىغان جايى سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىگىدۇر(جەھەننەمگىدۇر)، ئاللاھ ئۇنىڭغا دەرتلىك ئازابىنى تېتىتىدۇ، ئى مۇھەممەد! ماڭا دېگىنە!، ئەبۇ جەھىل ئۆزى ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ، ھەقنى ئىنكار قىلىپ، سېنى كەبىنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇشتىن چەكلەمدۇ؟ بۇنىڭدىن ئەجەپلىنەرلىك ئىش بولامدۇ؟ قارىمامسەن! مۇھەممەد توغرا يولدا، كىشىلەرنى تەقۋادارلىققا بۇيرىسا، ئەبۇ جەھىل مۇھەممەد ئەۋەتىلگەن ھەقنى ئىنكار قىلسا، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىسە، ئۇنىڭغا ئىشەنمىسە، ئەبۇ جەھىل ئاللاھ تائالانىڭ ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، قىيامەت كۈنىدە ئۇنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەبۇ جەھىل ئۆزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىشى، تىللىشى، ئازار يەتكۈزىشى قاتارلىق ناچار قىلمىشىدىن يانسۇن!، بىز ئۇنى كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ جەھەننەمگە تاشلايمىز، مۇشۇ يالغانچى، گۇناھكار كاللىنىڭ ئىگىسى بولغان ئەبۇ جەھىل شۇ ۋاختىدا ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى، قەۋمىنى ياردەم بېرىشكە چاقىرسۇن، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى چاقىرسا، بىزمۇ جەھەننەمنىڭ قوپال، قاتتىق قول پەرىشتىلىرىنى چاقىرىمىز، ئى مۇھەممەد! ئۇ كاپىرغا بۇيسۇنۇپ كەبىدە ناماز ئوقۇشنى تاشلىما، ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن، تائەت-ئىبادەت بىلەن ئاللاھقا يېقىنلاشقىن»
ئەنەس ئىبنى مالىك ئىبنى شىھابقا مۇنداق ھەدىس بايان قىلىپ بەرگەن، ھۇزەيفە ئىبنى يامانى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇ ئەرمىنىيە ۋە ئەزەربەيجاننى پەتھى قىلىش ئۈچۈن شام ۋە ئىراقتا مۇسۇلمانلارنى جىھادقا تەشكىللەۋاتقان ئىدى، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشتا ئىختىلاپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۇنى ئەندىشىگە سالدى. ھۇزەيفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: بۇ ئۈممەت قۇرئان كەرىمدە يەھۇدى-ناسارالار كىتابلىرىدا ئىختىلاپ قىلغاندەك ئىختىلاپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى بۇ ھەقتە توغرا يولغا يېتەكلىسىلە، دېگەن ئىدى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا ئەبۇ بەكرىنىڭ دەۋرىدە يېزىلغان قۇرئان كەرىمنى كەلتۈرۈپ، ئۇنى كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى. ھەپسە ئۇ قۇرئاننى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەۋەتىپ بەرگەندە، ئوسمان زەيىد ئىبنى سابىت، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر، سەئىد ئىبنى ئاس ئابدۇراھمان ئىبنى ھارىسلارغا بۇ قۇرئاندىن بىر قانچە نۇسخا كۆچۈرۈشكە بۇيرۇپ، قۇرەيشلىك ئۈچ نەپەر كىشىگە ئەگەر سىلەر زەيىد ئىبنى سابىت بىلەن بىر قىرائەتتە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار ئۇنى قۇرەيش شېۋىسى بىلەن يېزىڭلار، چۈنكى قۇرئان شۇلارنىڭ تىلى بىلەن چۈشكەن، دېدى. ئۇلار قۇرئاندىن بىر قانچە نۇسخا كۆچۈرگەندىن كېيىن ئوسمان قول يازمىنى ھەپسەگە قايتۇرۇپ بەردى. كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلارنى بىر تالدىن چوڭ شەھەرلەرگە ئەۋەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى يېزىۋالغان قۇرئانلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۋېتىشكە بۇيرۇق قىلدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇ ۋاقىتتا شام ۋە ئىراقتىكى مۇسۇلمانلارنى ئەرمىنىيە ۋە ئەزەربەيجانغا قارشى جىھادقا تەشكىللەۋاتاتتى، ھۇزەيفە كىشىلەرنىڭ قۇرئان ئوقۇشتا ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقانلىقىنى، بەزىلەر ئۇبەي ئىبنى كەئبنىڭ قىرائەتىدە، بەزىلەر ئىبنى مەسئۇدنىڭ قىرائەتىدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئۆز ئارا تالاش-تارتىش قىلىشىپ، بىر پىتنە چىقىشىدىن ئەندىشە قىلدى، ئۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى مۆئمىنلەرنىڭ خەلىپىسى! مۆمىنلەرنى يەھۇدى-ناسارالار تەۋرات-ئىنجىلدا ئىختىلاپ قىلىشىپ، كەم-ئارتۇق قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەندەك قۇرئاننى ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ساقلاپ قالسىلا دېدى. قۇرئان ئۇ ۋاقىتتا پارچە-پارچە قەغەزلەرگە يېزىلغان بولۇپ، بىر كىتاب قىلىپ تۈپلەنمىگەن ئىدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قۇرئان يېزىلغان ۋاراقچىلارنى بېرىپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى بىر قانچە نۇسخا كۆچۈرىۋالغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىش مەقسىتىدە ئادەم ئەۋەتتى. بۇ قۇرئان يېزىلغان ۋاراقچىلار بولسا ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بۇيرۇپ جەملەتكەن نۇسخسى ئىدى. مۇشۇ ۋاقىتتا ئوسمان قۇرئاننى كىتاپ قىلىپ تۈپلىدى، ئۇ نۇسخا بىلەن ئەمدىلىكتە يېزىپ قالدۇرماقچى بولغان نۇسخىنىڭ پەرقى، ئىلگىركى ئەبۇ بەكرىنىڭ زامانىدا يېزىلغىنى قۇرئان سۈرىلىرى رەتلەنمىگەن، ئەمما ھەر سۈرە ئۆز ئالدىغا ئايەتلىرى بىلەن رەتلەنگەن نۇسخا ئىدى، ئەمدىلىكتە رەتلەنمەكچى بولغىنى ھەر بىر سۈرىلەرنى رەت تەرتىبى بىلەن تىزىپ رەتلەپ چىقىپ، ئۇنى بىر كىتاب شەكلىدە تۈپلەش ئىدى. قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرىلىرى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا ھازىرقى شەكىلدە رەتلەنگەن ئىدى. ھەپسە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قۇرئان سۈرىلىرى يېزىلغان ۋاراقچىلارنى ئەۋەتىپ بەردى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زەيد ئىبنى سابىت، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر، سەئىد ئىبنى ئاس، ئابدۇراھمان ئىبنى ھارىسلارنى بۇ ۋاراقچىلارنى رەتلەپ قۇرئان كەرىمنى كىتاب شەكلىدە يېزىپ چىقىشقا بۇيرۇدى، زەيىد ئەنسارلاردىن، قالغانلار قۇرەيىشلاردىن ئىدى، ئوسمان قۇرەيشلىك ئۈچ نەپەر ساھابىگە: سىلەر زەيد ئىبنى سابىت بىلەن ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، قۇرەيشلىكلەرنىڭ شېۋىسىدە يېزىڭلار، چۈنكى قۇرئان قۇرەيش شېۋىسىدە نازىل بولغان، دېدى. ئۇلار ئەسلى يازمىدىن بىرقانچە نۇسخا كۆچۈرگەندىن كېيىن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەسلى يازمىنى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قايتۇرۇپ بەردى ۋە ھەر قايسى ئىقلىملارغا ئۇلار كۆچۈرگەن قۇرئاننى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزلىرى يېزىۋالغان قۇرئان ۋاراقچىلىرىنى كۆيدۈرىۋىتىشكە بۇيرۇدى
No Benefits found for this category